باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

يۈ جېڭشېڭ 4-نۆۋەتلىك تەيۋەنلىك قېرىنداشلار تەشكىلاتلىرى مۇنبىرىگە قاتناشقانلار بىلەن كۆرۈشتى

2017.01.10 14:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ تۈنۈگۈن بېيجىڭدا 4-نۆۋەتلىك تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى مۇنبىرىگە قاتناشقان بىر قىسىم ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى.

  يۈ جېڭشېڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتە تەيۋەن دائىرىلىرى 1992-يىلىدىكى ئورتاق تونۇشنى ئېتىراپ قىلماي، ئىككى قىرغاقنىڭ بىر جۇڭگوغا تەۋە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتمەي، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى كەسكىن خىرىسقا دۇچار قىلدى. يېڭى ۋەزىيەتتە، بارلىق تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى ئىككى قىرغاق ئەلئىچىنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەر قايسى ساھەلەردىكى چوڭقۇر قاتلاملىق ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە داۋاملىق كۈچ چىقىرىپ، زېھنى ۋە كۈچىنى ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى كېڭەيتىشكە مۇجەسسەملىشى كېرەك. يۈ جېڭشېڭ مۇنداق تۆت نۇقتىلىق پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدى: 1-ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى تىنچ تەرەققىياتىنىڭ سىياسىي ئاساسىنى ياخشى قوغداش؛ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان 1992-يىلىدىكى ئورتاق تونۇشنىڭ ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەت مۇقىملىقىنىڭ ئۇلتېشى ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇش لازىم. مەن دۆلەت ئىچى، سىرتىدىكى تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرىنىڭ تەيۋەن مۇستەقىللىقىنىڭ ئېغىر خەتىرىنى تونۇپ يېتىپ، بارلىق شەكىللەردىكى تەيۋەن مۇستەقىللىقى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە ئىتتىپاقلىشىپ قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى قوغداشقا پايدىلىق ئىشلارنى كۆپرەك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. 2-ئىككى قىرغاق ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنىڭ يېڭى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. مەن تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەلئىچى ئالاقە باغلاش يولىنىڭ رولىنى كۆپرەك جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىق نەتىجىلىرىدىن تەيۋەندىكى تېخىمۇ كۆپ ئاساسىي قاتلام ئاممىسىغا نەپ يەتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. 3-ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى ياخشى قۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى پائال نۇرلاندۇرۇش لازىم. 4-ئىككى قىرغاق جەمئىيىتى يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى ياخشى يېتىشتۈرۈش كېرەك. بىز تەيۋەن ياشلىرىنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇققا كېلىپ ئالماشتۇرۇشى، بولۇپمۇ ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزۈش شەكلىدىكى ئالماشتۇرۇشقا قاتنىشىش ئارقىلىق، ئۆگىنىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇق جەمئىيىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىشىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر