خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاساسەن ئىككىنچى، ئۈچىنچى سەپتىكى ماھىرلار مەيدانغا چىققان جۇڭگو دۆلەتلىك ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى 10–يانۋار نەننىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن 2017-يىلىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە غەلىبە قىلالمىدى، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە 0-2 نەتىجە بىلەن ياۋروپا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى سەككىز كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرى بولغان ئىسلاندىيە كوماندىسغا يېڭىلىپ قالدى.
بۇ، جۇڭگو كوماندىسىنىڭ ئۇدا 6-مەيدان خەلقئارا A دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىدە غەلىبە قىلالماسلىقى بولۇپ، ۋەندا گۇرۇھىنىڭ تىرىشچانلىقى ئاستىدا، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى جۇڭگو لوڭقىسىدىن ئىبارەت بۇ خەلقئارا A دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىنى رەسمىي تەستىقلىدى، تۇنجى نۆۋەتلىك مۇسابىقە 2017- يىلى نەننىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى