باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەن پارتگۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىنى ئېچىپ، ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇردى

2017.01.12 15:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى، گوۋۇيۈەن پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى كېچياڭ 6-يانۋار گوۋۇيۈەن پارتگۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 7-ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇردى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، گوۋۇيۈەن پارتگۇرۇپپىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىگە ئاساسەن، ھۆكۈمەت سىستېمىسىدا مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، «تۆت خاھىش»قا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش، تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھوقۇق چەكلەش ۋە چىرىكلىككە مەنبەدىن قارشى تۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش ۋە مۇلازىمەتنى ياخشىلاش ئىسلاھاتىدا چىڭ تۇرۇش ئارقىلىق چىرىكلىكنى پەيدا قىلىدىغان تۇپراقنى تۈگىتىپ، چاكىنىلىق، ھۇرۇنلۇق، بوشاڭلىق قىلمىشى قاتتىق باشقۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى چىرىكلىك ۋە ئىنتىزام-بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشتى، لېكىن يەنىلا داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 7-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى بويىچە، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيلىق ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەك بولۇش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، ئىدىيە، سىياسەت، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت خاھىش»قا داۋاملىق قارشى تۇرۇپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر