باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىتي كومىتېتى «ھاكىم دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئورگانلىرىدىكى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا دائىر بىرقانچە بەلگىلىمە» نى بېسىپ تارقاتتى

2017.01.13 15:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى يېقىندا «ھاكىم دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پارتكوم، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا دائىر بىرقانچە بەلگىلىمە» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «بەلگىلىمە» دېيىلىدۇ) نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، رايونلار، تارماقلارنىڭ شۇ بويىچە ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى پارتىيە ىئچى سىياسىي تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولۇپ، پارتىيە ئىچى دېموكراتىيەسىنى جارى قىلدۇرۇش، پارتىيە ئىچى نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىش، رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ مۇھىم شەكلى. دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، پارتىيەنىڭ بىردەك ئىتتىپاقلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە پاكلىقىنى ساقلاشتىكى ئەڭگۈشتەر. «بىرقانچە بەلگىلىمە» گە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋە يولغا قويۇش، دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، پارتىيە ئىچى سىياسىي تۇرمۇشىنى كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنى سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرولۇق ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەش، تەنقىد ۋە ئۆز-ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇش، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) لار ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش ۋە پارتىيە ئىچى سىياسىي تۇرمۇشىنى كۈچەيتىش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىدا چىڭ تۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى تولۇق تونۇپ، «بىرقانچە بەلگىلىمە» نى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھەقىقىي چىڭ تۇتىشى كېرەك. ئۆگىنىش ۋە تەربىيەلەشكە ئەستايىدىل تەشكىللەپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنى «بىرقانچە بەلگىلىمە» نىڭ ئاساسىي روھى ۋە تەلىپىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىشتىكى ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە يېتەكلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، تەنقىد ۋە ئۆز-ئۆزىنى تەنقىد قىلىش ئۆتكۈر قورالىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئۆزىدىكى مەسىلىلەرنى بايقاش ۋە تېپىپ چىقىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى كېرەك. يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ھەيدەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ۋە ئادەم ئەۋەتىپ چەتتىن قاتنىشىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، تۆۋەن دەرىجىلىك ئورۇنلاردا ئېچىلغان دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى، تەكشۈرۈشى ۋە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاساسىي مەسئۇللىرى مەسىلىسى گەۋدىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنى شەخسەن سۈرۈشتۈرۈپ، قابىلىيەتلىك مەسئۇللارنى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىشقا ئەۋەتىپ، مەسىلىلەرنى كەسكىن ئوتتۇرىغا قويىشى، سەۋەبىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىشى، ھەل قىلىشقا ھەقىقىي ياردەم بېرىشى كېرەك. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئورگىنى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن بىللە ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، «بىرقانچە بەلگىلىمە» نىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى مۇۋاپىق ۋاقىتتا مەخسۇس تەكشۈرۈپ، تۈرلۈك تەلەپلەرنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: رايونلار، تارماقلار «بىرقانچە بەلگىلىمە» نى ئىجرا قىلىشتىكى مۇھىم ئەھۋاللار ۋە تەكلىپلەرنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر