خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1- ئاينىڭ 12-كۈنى، ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا، ترامپ ئىچكى كابىنېتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى نامزاتى جامېس مەتتىس توغرىسىدىكى كېڭەش پالاتاسى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىغا قاتناشتى.
ئامېرىكىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان زۇڭتۇڭى ترامپ ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ گېنېرال پولكوۋنىكى جامېس ماتتىسنى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىلىقىغا كۆرسەتتى. ماتتىس بۇ يىل 66 ياشقا كىرگەن بولۇپ، 1969-يىلى تۇنجى قېتىم ھەربىي سەپكە قاتناشقان، كېيىن دېڭىز قولتۇقى ئۇرۇشى ۋە ئافغانىستان ئۇرۇشىغا قاتناشقان. ئۇ 2010-يىلى ئامېرىكا مەركىزىي ھەربىي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانلىقىغا ئۆستۈرۈلۈپ، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ غەربىي ئاسىيا، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىمالىي ئافرىقىدىكى ئۇرۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان، ئۇنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە ئۇرۇش قىلىشتا مول تەجرىبىسى بار.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى