باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا ئېلىمىزنىڭ توققۇز دەرىجىگە ئايرىلغان ئىنگلىز تىلى ئىقتىدارى دەرىجە مىقتار جەدۋىلى ئېلان قىلىنىپ، 2020-يىلىدىن بۇرۇن ئىمتىھان پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ

ئىنگلىز تىلى سەۋىيەسىدە بىر تۇتاش ئۆلچەم قوللىنىلىدۇ

2017.01.05 16:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىگىلىنىشچە، 2017-يىلى، ئېلىمىزنىڭ ئىنگلىز تىلى ئىمتىھانى ئىسلاھاتى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلىدىكەن. يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى لىن خۇيچىڭ 2-نۆۋەتلىك تىل سىنىقى ۋە باھالاش خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنىدا مۇنۇلارنى تونۇشتۇردى: ئېلىمىزنىڭ ھەرقايسى باسقۇچلىرىنىڭ ئېنگلىز تىلى باھالىشى، ئوقۇتۇشى ۋە ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى قاپلىغان ئۆلچەم—جۇڭگو ئىنگلىز تىلى ئىقتىدارى دەرىجە مىقتار جەدۋىلى سۇبيېكتى تەتقىق قىلىنىپ تۈزۈلگەن بولۇپ، 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئېلان قىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلەت ئىنگلىز تىلى ئىقتىدارى دەرىجە ئىمتىھانى پىلانى 2020-يىلىدىن بۇرۇن تەدرىجى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.

  2014-يىلى 9-ئايدا، گوۋۇيۈەن «ئىمتىھان ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» نى ئېلان قىلىپ، «چەتئەل تىلى ئىقتىدارى باھالاش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش»، ئىمتىھان مەزمۇنى ۋە شەكلى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك تەربىيەلەشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش، تۇتاشتۇرۇش، كۆپ خىل چەتئەل تىلى ئۆگىنىش نەتىجىسىنى ئېتىراپ قىلىشتەك بىر ئۆمۈر ئۆگىنىشنىڭ «ستېرېئولۇق كۆۋرۈكى» نى بەرپا قىلىشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.

  شۇنىڭ بىلەن، چەتئەل تىلى ئىقتىدارىنى باھالاش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى رەسمىي يولغا قويۇلدى. بۇ قۇرۇلۇشنىڭ نىشانى: «دۆلەت چەتئەل تىلى باھالاش ئۆلچىمىنى بەرپا قىلىش ئاساسىدا، ئىمتىھان مەزمۇنى ۋە شەكلى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سىستېمىلىق چەتئەل تىلى ئىمتىھان تۈرلىرىنى ئېچىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەكىللەندۈرۈش خاراكتېرلىك باھالاش بىلەن تېرمىنال خاراكتېرلىك باھالاشنى بىرلەشتۈرۈش تەتقىقاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 2020-يىلىغا بارغاندا، ئۆلچىمى بىر تۇتاش، فۇنكىسيەسى كۆپ مەنبەلىك زامانىۋى چەتئەل تىلى باھالاش سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىش». جۇڭگو ئىنگلىز تىلى ئىقتىدارى دەرىجە مىقتار جەدۋىلى ۋە ئىنگلىز تىلى ئىقتىدارى دەرىجە ئىمتىھانى دەل «چەتئەل تىلى ئىقتىدارىنى باھالاش سىستېمىسى» نىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ھېسابلىنىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر