باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

ترامپ رۇسىيەنىڭ ئامېرىكىغا تور ھۇجۇمى قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

2017.01.12 16:08   مەنبە: خەلق تورى

ترامپ رۇسىيەنىڭ ئامېرىكىغا تور ھۇجۇمى قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان زۇڭتۇڭى ترامپ 11-يانۋار، بۇلتۇرقى ئامېرىكىنىڭ چوڭ سايلام مەزگىلىدە، رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا دېموكراتلار پارتىيەسىگە تور ھۇجۇمى قوزغىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. بۇرۇن ئۇ ئىزچىل ئامېرىكا ئاخبارات ئاپپاراتى چىقارغان بۇ ھۆكۈمنى قوبۇل قىلىشنى خالىمىغان ئىدى.

  شۇ كۈنى ترامپ سايلامدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىنكى نيۇ-يوركتا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «خاككىرلارنىڭ ھۇجۇم قىلىش مەسىلىسىدە، مەن بۇ ئىشنى رۇسىيە قىلغان، دەپ قارايمەن، لېكىن مەن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا ئىزچىل باشقا نۇرغۇن دۆلەت ۋە شەخىسلەرنىڭ قارا مېھمان ھۇجۇمىغا ئۇچرىماقتا، دەپ قارايمەن»، دېدى. ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دېموكراتلار پارتىيەسى تەرەپنى خاككېرلارنىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلىمىگەن، دەپ تەنقىد قىلدى.

  مۇشۇ ئاينىڭ 6-كۈنى، ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات باش نازارەتچىلىكى ئىشخانىسىنىڭ بىر تەكشۈرۈش دوكلاتىدا: رۇسىيە ھۆكۈمىتى تور ھۇجۇمى قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق 2016-يىللىق ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىغا ئارىلاشقان. رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ترامپقا روشەن مايىللىقى بار، دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ھىلارى كىلىنتوننىڭ ئىناۋىتىنى چۈشۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق ترامپنىڭ غەلىبە قىلىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان، دېيىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·قىزىل راۋاقتىكى چۈش كىلاسسىك ئەسىرى2017-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمىتھانى بېيجىڭ ئىمتىھان قەغىزىنىڭ زۆر…
    ·2017-يىلى ئەتىيازلىق ماتېرىياللاردا 14 يىللىق ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارىشى ئۇرۇش ئۇقۇمى ئومۇميۈزلۈك …
    ·جاڭ جىڭزې مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى بولدى
    ·شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يېزىلىرىدا مەكتەپكە كىرىشتىن ئۈچ يىل بۇرۇنقى يەسلىگە كىرىش يېشىغا توش…
    ·«مەدەنىيەتلىك جۇڭگو - سېھرىي كۈچكە تولغان شىنجاڭ» سەنئەت ئۆمىكى ئۆزبېكىستاندا ئويۇن قويدى(1)
    ·شىنجاڭ ئالىي كەسپىي (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا توردا ت…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2020- يىلىدىن باشلاپ ئۆلكە دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىنى ئالىي مەكتەپلەرگە كاپ…
    ·شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 2018- يىلدىن باشلاپ 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپنى ئەمەلگە ئاشۇرۇ…
    ·30 ئۆلكە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھات لايىھەسىنى ئېلان قىلدى، بۇ يىل ئالتە ئۆلكىدە ئىسلاھات يولغ…
    ·ئىنگلىز تىلى سەۋىيەسىدە بىر تۇتاش ئۆلچەم قوللىنىلىدۇ