خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭ «خەلق» سارىيىدا ۋيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۇەن فۇجۇڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى تەرەپ بىردەك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ئۇزاق مۇددەت مۇقىم بولۇش، كەلگۈسىگە يۈزلىنىش، ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق، ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىشىش» فاڭجېنى ۋە «ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى يولداش، ياخشى ھەمراھلاردىن بولۇش» روھى بىلەن، ئومۇمىيەتنى كۆزلەپ، مەۋقەنى يىراققا قويۇپ، نىشاندىن ئېغىشماي، ئالغا قاراپ مېڭىپ، جۇڭگو-ۋيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا يولنى بويلاپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
شى جىنپىڭ رۇەن فۇجۇڭنىڭ ۋيېتنام كومپارتىيەسىنىڭ 12-قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىدا ئۇدا باش شۇجى بولغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى زىيارەت دەل جۇڭگو – ۋيېتنام دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىغا 67 يىل بولغان ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى چاغان بايرىمىنىڭ يېتىپ كېلىش پەيتىگە توغرا كەلدى، بۇ، ۋيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ۋە يولداش رۇەن فۇجۇڭ باش شۇجىنىڭ جۇڭگو-ۋيېتنام ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ بەردى. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىشى نەتىجىسىدە، جۇڭگو بىلەن ۋيېتنامنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى داۋاملىق ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى كۈنسېرى مۇستەھكەملىنىپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشەنچى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، مول ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئادىمىيەت ئالاقىسى تېخىمۇ جانلاندى. بىز جۇڭگو-ۋيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىدىن ئىنتايىن خۇشال.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى