خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1- ئاينىڭ 11-كۈنى، ئافغانىستان پايتەختى كابۇلدا، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى پارتلاش نەق مەيدانىغا كېلىپ ئەھۋال ئىگىلىدى. 1- ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كېيىن، كابۇلدىكى پارلامېنت بىناسى ئەتراپىدا زەنجىرسىمان پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندىمۇ 28 ئادەم قازا قىلدى، 64 ئادەم يارىلاندى. تالىبان بۇ قېتىمقى زەنجىرسىمان پارتلىتىش ھۇجۇمىغا مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى