باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

دۆلەتنىڭ 2016-يىللىق ئالىي پەن-تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەرگە نەزەر

يېرىم ئەسىر سۇپېر ئۆتكۈزگۈچ تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان جاۋ جۇڭشيەن

2017.01.10 15:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاكادېمىك جاۋ جۇڭشيەن (ئوتتۇرىدا) ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن تەجرىبىخانىدا مەسىلىلەرنى مۇزاكىرىلەشمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى جىن لىۋاڭ فوتوسى

  75 ياشلىق جاۋ جۇڭشيەن 1-ئاينىڭ 9-كۈنى دۆلەتنىڭ ئالىي پەن-تېخنىكا مۇكاپاتى ئېلىش سەھنىسىگە چىقتى.....

  ئۇنى مۇكاپاتقا ئېرىشتۈرگىنى يېرىم ئەسىرگە يېقىن توختىماي تەتقىق قىلغان يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق سۇپېر ئۆتكۈزگۈچ تەتقىقاتى ۋە بۇ ساھەدە ئېرىشكەن ئاجايىپ نەتىجىلىرى ئىدى. 40 نەچچە يىل ئىلگىرى، ئېلىمىزنىڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق سۇپېر ئۆتكۈزگۈچ تەتقىقاتى ئەمدىلا باشلانغانىدى؛ مانا بۈگۈن بىر يۇقىرى سەۋىيەلىك تەتقىقات قوشۇنى قۇرۇلۇپ، دۇنيادا ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى. جاۋ جۇڭشيەن دەل ئېلىمىزنىڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق سۇپېر ئۆتكۈزگۈچ تەتقىقاتىدىكى باشلامچى شەخس.

  سۇپېر ئۆتكۈزگۈچ، 20-ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىلمىي بايقاشلارنىڭ بىرى. سۇپېر ئۆتكۈزگۈچ جىسىم ئۇچۇر ئالاقىسى، بىئومېدىتسىنا، ئاۋىياتسىيە-ئالەم بوشلۇقى قاتارلىق ساھەلەردە ناھايىتى زور يوشۇرۇن ئەمەلىي قوللىنىشچانلىققا ئىگە. نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان، بەش نوبېل مۇكاپاتى سۇپېر ئۆتكۈزگۈچنى تەتقىقات قىلىدىغان 10 تەتقىقاتچىغا بېرىلدى.

  جاۋ جۇڭشيەن نۇرغۇن شان-شەرەپلەرگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەزەلدىن قانائەتلەنمىدى. ئۇ دائىم: مەن بىر ئادەتتىكى ئادەم. شان-شەرەپ دۆلەتكە، نەتىجە كوللېكتىپقا مەنسۇپ، مەن پەقەت ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى، دەيتتى. ئۇ يەنە دائىم زىيارەتكە كەلگەن مۇخبىرلارغا ئەسكەرتىپ: مېنىلا زىيارەت قىلماي، ئارقامدىكى كىشىلەرنىمۇ زىيارەت قىلىڭلار دەيتتى. تاراتقۇلار ئالدىدا ئۇ ئوچۇق، سەمىمىي ئىدى .... ئۇ مۇنداق دېدى: مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئۈچۈن تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانمىدىم، ئىنسانلار مەدەنىيىتىگە تۆھپە قوشۇپ، دۆلەتنىڭ زور ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ھاياتىمنىڭ قىممىتىدۇر.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى
【1】 【2】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر