باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2019- يىلدىن باشلاپ شىنجاڭدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش سەۋىيە سىناش ئىمتىھان نەتىجىسى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ

2017.01.05 14:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4- يانۋار، مۇخبىرنىڭ 2017- يىلى 1- ئايدا ئېچىلغان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش سەۋىيە سىناش ئىمتىھانىنىڭ ئىمتىھان ئالدى خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈم ئىسلاھاتى لايىھەسى 2019- يىلدىن باشلاپ يۈرگۈزۈلىدۇ. ئۆز ۋاقتىدا، 2019- يىلى يېڭىدىن تولۇق ئوتتۇرىغا ئوقۇشقا كىرگەن ئوقۇغۇچىلاردىن باشلاپ، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش سەۋىيە سىناش ئىمتىھان نەتىجىسى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىك ئۆلچىمى ۋە مائارىپ ئىمتىھانىغا ئاساسەن بەلگىلەنگەن ھەمدە ئۆلكە دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى تەشكىللەپ يولغا قويغان ئىمتىھان بولۇپ، ئىمتىھان نەتىجىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ۋە يۇقىرى مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇشىنىڭ مۇھىم ئاساسى ئىكەن. «گوۋۇيۈەننىڭ ئىمتىھان ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ يولغا قويۇش پىكىرى»نىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، 2014- يىلى ئىمتىھان ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈم ئىسلاھاتى سىناق نۇقتىسى يولغا قويۇلۇپ، ھەمدە 2017- يىلى مەملىكەت دائىرىسىدە ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، 2010- يىلىغا بارغاندا جۇڭگوچە زامانىۋى مائارىپ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان ئىمتىھان ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمىنى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىنىدىكەن. شىنجاڭنىڭ ئىمتىھان ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈم ئىسلاھاتى 2019- يىلدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدىكەن، شۇنداقلا ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش سەۋىيە سىناش ئىمتىھانىنىڭ دەرىجە ئىمتىھان نەتىجىسى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئومۇمىي نومۇرىغا كىرگۈزىلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر