باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىللىق ئەسكەر ئېلىش تەييارلىق خىزمىتى قانات يايدۇرۇلدى

ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشكە تىزىملاش خىزمىتى توردا ئېلىپ بېرىلدى

2017.01.12 13:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەسكەر قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، «2017- يىللىق ئەسكەر ئېلىش تەييارلىق خىزمىتى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش» يېقىندا ئېلان قىلىندى، بۇ يىللىق ئەسكەر ئېلىش تەييارلىق خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى.

  دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەسكەر قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى 10- يانۋاردىن باشلاپ مەملىكەت بويىچە ئەسكەر ئېلىش تورى (تور ئادرېسى: http://www.gfbzb.gov.cn)نى ئېچىۋەتتى. ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشكە توردا تىزىملىتىش، چاقىرىققا بىنائەن تىزىملىتىش ۋە سىياسەت جەھەتتىن مەسلىھەت بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەر ئومۇميۈزلۈك باشلاندى، 2017- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنىدىن بۇرۇن 18 ياشقا توشقان ئەر پۇقرالار چوقۇم 6- ئاينىڭ 30- كۈنىدىن بۇرۇن مەملىكەت بويىچە ئەسكەر ئېلىش تورىغا چىقىپ ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشكە تىزىملىتىشى كېرەك، شۇ يىلى 17 ياشقا كىرگەن ئەمما 18 ياشقا توشمىغان ئەرلەر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ (ئوتتۇرا تېخنىكوم، كەسپىي ئوتتۇرا مەكتەپ، تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى)دىن ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشكە تىزىملاتسا بولىدۇ .

  مەملىكەت بويىچە ئەسكەر ئېلىش تورى ئېچىلغاندىن كېيىن، جايلار ھەربىي خىزمەت ئۆتەش تىزىمغا ئالدۇرۇش خىزمىتىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى، ھەمدە ئۇنىڭدا ئەسكەرلىككە تىزىملىتىش ۋاقتى، نىشانى ۋە ئۇسۇلى قاتارلىق ئىشلار ئېنىق يېزىلدى. 6- ئاينىڭ 30- كۈنىدىن بۇرۇن، ھەربىي خىزمەت ئۆتەشكە تىزىمغا ئالدۇرۇش ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، 2016- يىلى تىزىملىتىلمىغانلارنىڭ ھەممىسىنى تولۇقلاپ تىزىملىتىشى كېرەك. چاقىرىققا بىنائەن، ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشكە ماس كەلمىگەن، كېچىكتۈرۈپ ئېلىش ۋە ئەسكەر ئېلىش ئوبيېكتى بولمىغانلارنى قانۇن بويىچە بېكىتىدۇ، ئالدىنقى يىللىق ئەسكەر ئېلىش ۋەزىپە سانىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن كەم بولمىغان سانى بويىچە ئەلالىرىنى تاللاپ ئالدىن ئېلىش ئوبيېكتىنى بېكىتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر