خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1- ئاينىڭ 12-كۈنى، ئىران پايتەختى تېھراندىكى مېھراباد ئايرودرومىدا، ئايروبوس شىركىتى يېڭى تاپشۇرغان يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ بىر خىزمەتچىسى ئىران بايرىقىنى لەپىلدەتمەكتە.
شۇ كۈنى، ئايروبۇس شىركىتى ئىرانغا تاپشۇرغان تۇنجى A 321تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى تېھرانغا قوندى. ئىككى تەرەپ بۇلتۇر 12-ئايدا 100 دانە يولۇچىلار ئايروپىلانى سېتىش-سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالىغان. ئۇزاق مۇددەتلىك جازالاش تۈپەيلى زاپچاس كەمچىل بولۇش تەسىرىدە، ئىراننىڭ خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانلىرىنى يېڭىلاش ئېھتىياجى ئىزچىل جىددىي بولۇپ كەلگەن ئىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى