باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئاياللار ئېغىرلىق كۆتۈرۈش تەنھەرىكەتچىلىرىدىن ئۈچ نەپەر تەنھەرىكەتچى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا روھلاندۇرۇش دورىسى ئىشلەتكەنلىكى ئېنىقلاندى

جۇڭگو ئولىمپىك كومىتېتى ۋە جۇڭگو ئېغىرلىق كۆتۈرۈش جەمئىيىتى بۇ ھەقتە ئايرىم-ئايرىم بايانات ئېلان قىلدى

2017.01.16 14:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ ۋاقتى 13- يانۋار، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى، 2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بىلەن 2012- يىللىق لوندون ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قارىتا ئەۋرىشكىلەرنى قايتا تەكشۈرۈش جەريانىدا، 2008- يىلى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان جۇڭگو ئاياللار ئېغىرلىق كۆتۈرۈش تەنھەرىكەتچىلىرىدىن ئۈچ نەپەر ماھىر ساۋ لېي، چېن شيېشيا ۋە ليۇ چۈنخوڭنىڭ روھلاندۇرۇش دورىسىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئىشلەتكەنلىكىگە قارىتا دېلو تىكلەندى. بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاياللار ئېغىرلىق كۆتۈرۈش مۇسابىقىسىدە، ساۋ لېي، چېن شيېشيا ۋە ليۇ چۈنخوڭ ئەينى ۋاقىتتا ئايرىم-ئايرىم ھالدا 75 كىلوگىراملىقلار، 48 كىلوگىراملىقلار ۋە 69 كىلوگىراملىقلار تۈرىدىكى مۇسابىقىلەردە چېمپىيون بولغان ئىدى، ئۇلارنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى نەتىجىسى ئەمدى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى ھەمدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئېرىشكەن ئالتۇن مېدال، مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى تەنھەرىكەتچىلەر ئىزنىكى ۋە مۇكاپاتقا ئېرىشىش گۇۋاھنامىسىنى قايتۇرۇۋېلىنىدۇ.

  ئارقىدىنلا، جۇڭگو ئولىمپىك كومىتېتى ۋە جۇڭگو ئېغىرلىق كۆتۈرۈش بىرلەشمىسى بۇ ئىش توغرىسىدا ئايرىم-ئايرىم ھالدا بايانات ئېلان قىلدى، ھەمدە جۇڭگو ئولىمپىك كومىتېتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ ئۈچ تەنھەرىكەتچىنىڭ روھلاندۇرۇش دورىسىنى ئىشلىتىش ھەرىكىتى تەنتەربىيە ئەخلاقى ۋە ئولىمپىك روھىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىق بولۇپ، جۇڭگو ئولىمپىك كومىتېتى بۇ ئىشنى قەتئىي ئەيىبلەيدۇ. جۇڭگو ئولىمپىك كومىتېتى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى چىقارغان قارارغا ھۆرمەت قىلىدۇ، ھەمدە ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ بولغان بۇ خىل قىلمىشلارنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ تەكشۈرۈپ، بايقالغان بۇ قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر