باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ ئايروپىلانى نېمە سەۋەبتىن چۈشۈپ كەتتى؟

2017.01.13 15:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ 12-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەھۋالدىن خەۋەردەر ئەربابلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، قارا دېڭىز ئاستىدىن سۈزىۋېلىنغان تۇ-154 بەلگىلىك ۋەقەگە يولۇققان ئايروپىلاننىڭ قالدۇقلىرىغا ئاساسەن ئايروپىلاننىڭ پارتلاش سەۋەبىنى باھالاپ بېكىتىش خىزمىتى ئاللىقاچان ئاخىرلاشقان بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر تېررورلۇق ھۇجۇمغىما مۇناسىۋەتلىك ئىزنالارنى بايقىمىغان ھەمدە بۇنداق ئېھتىماللىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ، تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئايروپىلان خادىملىرىنىڭ خاتالىق سادىر قىلىش ئېھتىماللىقىغا قاراتقان.رۇسىيە قاتناش مىنىستىرى سوكولوف بۇندىن ئىلگىرى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: تۇ-154 ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقە يۈز بېرىشتىكى ئاساسلىق ئېھتىماللىق دەپ قارالمىدى. رۇسىيە فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىمۇ ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈپ: ئايروپىلاندا تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋە بۇزغۇنچىلىق ھەرىكىتى يۈز بەرگەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئىزنالار بايقالمىدى، دېگەن.ئۆتكەن يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ تۇ-154 ناملىق بىر ئايروپىلانى قارا دېڭىزغا چۈشۈپ كېتىپ، ئايروپىلاندىكى 92 ئادەمنىڭ ھەممىسى بەختكە قارشى قازا قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر