- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىنىڭ بوش ئىش ئورنىغا تەڭشەشكە تىزىملىتىش ئاياغلىشاي دەپ قالدى
2017.01.13 15:01 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركەز ئورگانلىرى ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلارنىڭ 2017- يىللىق دۆلەت مەمۇرلىرى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىنىڭ ئومۇمىي پەنلەر يېزىقچە ئىمتىھانى لاياقەتلىك نومۇر چېكى ئېلان قىلىندى، قىسمەن خىزمەت ئورۇنلىرىدا يېزىقچە ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولغانلار سانى بەلگىلەنگەن مۇلاقەت ئىمتىھانىغا قاتنىشىش سانىغا يەتمىگەنلىكتىن، مۇلاقەت ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان نامزاتلار ئاشكارا تولۇقلاپ تەڭشىلىدۇ. تەڭشەشكە تىزىملىتىش ۋاقتى 13- يانۋار بېيجىڭ ۋاقتى سائەت ئالتىدە ئاياغلىشىدۇ.
ئىمتىھان بەرگۈچىلەر تەڭشەشكە تىزىملاتقاندا، ئىمتىھانغا تىزىملاتقان ۋاقىتتىكى ئابونىت نامى ۋە مەخپىي نومۇر ئارقىلىق تەڭشەش تور بېكىتى ()گە كىرىپ، مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تولدۇرىدۇ. توردا تىزىملاتمىغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەر تەڭشەشكە قاتناشقاندا، تەڭشەشكە ئىلتىماس قىلغان قوبۇل قىلغۇچى ئورگان بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلىشىپ، يازما ماتېرىيالنى قوبۇل قىلغۇچى ئورگاننىڭ تەستىقلىشىغا تاپشۇرۇشى كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر