- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
يولۇچىلار ئۈندىدار ئارقىلىق ئالدىن بېلەت سېتىۋالسا بولىدۇ
2017.01.13 15:04 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8- يانۋار، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يول-تىرانسپورت باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2017- يىلى شىنجاڭ چاغانلىق يولۇچى توشۇش خىزمىتىنىڭ تاشيول يولۇچىلىرىنى توشۇش مىقدارى 13 مىليون 300 مىڭ ئادەم قېتىم سانىغا يېتىپ، بۇلتۇرقىغا قارىغاندا سەل ئاشقان. چاغاننىڭ ئالدىدا ئوقۇغۇچىلار ۋە ئىشلەمچىلەر ئېقىمى ئۆز-ئارا قوشۇلۇپ، يولۇچىلار ئېقىمىنىڭ يۇقىرى دولقۇنى بالدۇر كېلىش، ئۇزۇن داۋاملىشىش ۋە چوققا قىممىتى يۇقىرى بولۇشتەك ئالاھىدىلىك كۆرۈلىدىكەن.
مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تۆت چوڭ يولۇچى توشۇش بېكىتىدىن ئىگىلىشىچە، چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، يولۇچىلار ئۈندىدار ۋە تېلېفون ئارقىلىق ئالدىن بېلەت زاكاز قىلسا بولىدىكەن. ئۈرۈمچى يولۇچى توشۇش بېكىتى يولۇچىلارنى «ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل» ئاپىرىپ-ئەكېلىش، ئۈندىداردا بىلەت سېتىۋېلىش ۋە ئاپتوماتىك بېلەت ئېلىش ماشىنىسى قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك خاس مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر