باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىل ۋە كېلەر يىلى پەرزەنتلىك بولۇشنىڭ بېسىق مەزگىلى، مەملىكەت بويىچە يىلدا 20 مىليون ئەتراپىدا بوۋاق تۇغۇلىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى

ئارخىپ تۇرغۇزۇش قىيىن بولۇش «ئىككى بالىلىق بولۇش دولقۇنى»نىڭ بىر ئۆتكىلى

2017.01.13 15:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلغىنىغا بىر يىل بولدى. «ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش» ــــ « بىر تەرەپ يالغۇز پەرزەنت بولغان ئەر-خوتۇنلار ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش»دىن كېيىنكى تۇغۇت سىياسىتىنى يەنىمۇ تەڭشەپ مۇكەممەللەشتۈرگەنلىك بولۇپ، مەركەزنىڭ ئېلىمىزنىڭ نوپۇسى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتىگە ئاساسەن چىقارغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك قارارى.

  بىر يىلنىڭ ئىچىدە 1 مىليوندىن ئارتۇق بوۋاق تۇغۇلۇپ، تۇغۇت بۆلۈمىنىڭ كارىۋىتى يېتىشمىدى

  2016-يىلى تۇغۇلغان نوپۇس سانى 17 مىليون 500 مىڭدىن ئېشىپ، 2000-يىلنىڭ ئالدى-كەينىدە تۇغۇلغان نوپۇس كۆلىمى بىلەن ئومۇمەن تەڭلىشىپ، ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنى يولغا قويغاندىكى مۆلچەر بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن بىردەك بولدى.

  2016-يىلى ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى يولغا قويۇلغان تۇنجى يىل، ئۇنىڭ ئۈستىگە مايمۇن يىلى بولغاچقا ھامىلىدار بولغان ئاياللار ئالدىنقى يىللاردىكىدىن كۆپ بولدى. تونۇش تېپىش، يېرىم كېچىدە تۇرۇپ نومۇر ئېلىش نۇرغۇن ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئارخىپ تۇرغۇزۇش ئۇسۇلىغا ئايلاندى. بېيجىڭ شەھىرى چاۋياڭ رايونىدىكى مەلۇم بىر ئىش ئورنىنىڭ خىزمەتچىسى ياڭ خانىم ئادەم ئىزدەش ئارقىلىق داڭلىق بىر چوڭ دوختۇرخانىدا ئارخىپ تۇرغۇزدى. بېيجىڭدىكى مەلۇم بىر دوختۇرخانىنىڭ نومۇر ئېلىش زالىدا، ھامىلىدار بولىغىنىغا يەتتە ئاي بولغان بىر ئايال ئۆزىنىڭ يېرىم كېچىدە تۇرۇپ ئۈندىداردا نومۇر ئالغانلىقىنى ئېيتتى.

  بېيجىڭدىكى بىردىنبىر 3A دەرىجىلىك تۇغۇت بۆلۈمى مەخسۇس كېسەللەر دوختۇرخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پايتەخت تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى بېيجىڭ تۇغۇت دوختۇرخانىسىنىڭ بالا تۇغدۇرۇش سانى ئىزچىل ئالدىنقى قاتاردا تۇردى. ئۆتكەن بىر يىلدا، دوختۇرخانا ئايدا 1200دىن 1400گىچە بوۋاقنى تۇغدۇردى، 12-ئايدا تۇغۇلغانلار ئەڭ كۆپ بولۇپ، 2016-يىلى پۈتۈن يىللىق تۇغۇت مىقدارى 2015-يىلدىكىدىن %22 ئاشتى. ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، 2015-يىلى 11-ئايدىن ئىلگىرى، بېيجىڭ شەھىرىدە ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئارخىپ تۇرغۇزۇشى ئايدا 20 مىڭدىن ئاشمايدىكەن. 2015-يىلى 12-ئايدىن باشلاپ، ئارخىپ تۇرغۇزغانلار ئۇدا نەچچە ئاي 30 مىڭ كىشى ئەتراپىدا بولغان.

  ئارخىپ تۇرغۇزۇش قىيىن بولۇش مەسىلىسى ئانچە ئۇزاق داۋاملاشمايدۇ، تۇغۇلغان نوپۇسنىڭ كۆلىمى 2019-يىلدىن كېيىن نورمال ھالەتكە قايتىدۇ

  تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنىڭ مۇتلەق قىس بولۇپ قوشۇلۇشىدەك قۇرۇلمىلىق ئامىل ئارخىپ تۇرغۇزۇش مەسىلىسىنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇردى. ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇنقى، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى بالىلارنىڭ ساقلىقنى ساقلاش مەزمۇنىنى قانداق بىرىكتۈرۈپ، جامائەتنىڭ تەلىپىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، يەنىمۇ يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىزدىنىش كېرەك.

  ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇشنى ئويلىغان ئائىلىلەرنىڭ ھەممىسى ئانا-بالىدىن ھېچقانداق چاتاق چىقماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى دوختۇرخانىغا بېرىشنى ئويلايدۇ. بېيجىڭ قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردە، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنىڭ مۇتلەق قىس بولۇپ قوشۇلۇشىدەك قۇرۇلمىلىق ئامىل ئارخىپ تۇرغۇزۇش مەسىلىسىنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇردى.

  يۈەن شىن ئارخىپ تۇرغۇزۇش قىيىن بولۇشنىڭ ئاساسلىقى ئەلا سۈپەتلىك 3A دەرىجىلىك دوختۇرخانىلاردا ئارخىپ تۇرغۇزۇشنىڭ قىيىن بولۇشىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەھلىل قىلدى. بىر جەھەتتىن دوختۇرخانىلار يوشۇرۇن كۈچنى قېزىپ، بۆلۈملەردىكى ئارتۇق ئورۇنلارنى تەڭشەپ، ئادەملەرنىڭ، كارىۋاتلارنىڭ كۆپىيىشىنى ئىمكانقەدەر قوبۇل قىلىشى كېرەك. لېكىن يىراق كەلگۈسىدىن قارىغاندا، ئارخىپ تۇرغۇزۇش قىيىن بولۇش مەسىلىسى بەك ئۇزاق داۋاملاشمايدۇ، كەلگۈسىدە تۇغۇت بۆلۈمىدىكى كارىۋاتلار ئېشىپ قېلىشقا يۈزلىنىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەمەلىيەتتە، ھازىر تۇغۇلغانلار بىر تەرەپ يالغۇز پەرزەنت بولغان ئەر-خوتۇنلارنىڭ ئىككىنچى پەرزەنتىنى ئاساس قىلىدۇ. ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھامىلىدار بولۇشقا تەييارلىق قىلىشىغا ۋاقىت كېتىدۇ، مەسىلەن ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش تېخنىكىسىنى ئىشلىتىشتىن توختىتىش قاتارلىق. تۇغۇلغان نوپۇسنىڭ كۆلىمى 2019-يىلدىن كېيىن نورمال ھالەتكە قايتىپ، يىلدا تۇغۇلىدىغانلار تەدرىجىي ئازلايدۇ.

  دۆلەت سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى قاتارلىق بەش مىنىستىرلىق، كومىتېت 2016-يىلى 10-ئايدا «تۇغۇت جەريانىدىكى ئاساسىي داۋالىنىش، ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»نى ئېلان قىلدى. 2016-يىلى مەركەز خامچوتىدىن 2 مىليارد 910 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، شەھەر دەرىجىلىك ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتىدىن 45نى ۋە ناھىيە دەرىجىلىك ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتىدىن 202نى قۇرۇشقا ياردەم بەردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر