باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تۆت يىلدا شىنجاڭدىكى 400دىن ئارتۇق بالا سۈنئىي قۇلاق قۇلۇلىسى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسىدىن بەھرىمەن بولىدۇ

2017.01.13 15:09         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى 12-يانۋار سۈنئىي قۇلاق قۇلۇلىسى سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمىتى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، سۈنئىي قۇلاق قۇلۇلىسى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسىدىن بەھرىمەن بولىدىغان گاس-گاچا بالىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە باشلىقلىرىغا نەق مەيداندا سۈنئىي قۇلاق قۇلۇلىسى ئوپېراتسىيەسىدىن كېيىنكى ئاسراش ۋە سۆزلەش ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى بىلىملەرنى چۈشەندۈردى. ئىگىلىنىشىچە، «13-بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭدا ھەر يىلى 104 بالا بولۇپ، تۆت يىلدا جەمئىي 400دىن ئارتۇق بالا سۈنئىي قۇلاق قۇلۇلىسى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسىدىن بەھرىمەن بولىدىكەن، بۇ «12 – بەش يىل» مەزگىلىدىكى ھەر يىلدىكى 85 بالىدىن 19ى كۆپ ئىكەن.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى قۇلاق-بۇرۇن-كېكىردەك كېسەللىكلىرىنى داۋالاش مەركىزى 2002-يىلى شىنجاڭدا تۇنجى قېتىم سۈنئىي قۇلاق قۇلۇلىسى ئوپېراتسىيەسىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىغان ھەمدە 2009-يىلى تۇنجى تۈركۈمدە «دۆلەتنىڭ قىيىنچلىقى بار گاس-گاچا بالىلارنى سۈنئىي قۇلاق قۇلۇلىسى كۆچۈرۈپ قۇتقۇزۇش تۈرى» كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى مەركىزىنى قۇرۇپ، نۆۋەتتە ئاڭلاش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان بالىلار ۋە چوڭلار بولۇپ 600 ئادەمگە قۇلاق قۇلۇلىسى ئوپېراتسىيەسى ئېلىپ بارغان.

  «13-بەش يىل» مەزگىلىدە، مەركەز مالىيەسى شىنجاڭنىڭ سۈنئىي قۇلاق قۇلۇلىسى كۆچۈرۈش تۈرىنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، ھەر يىلى ئوپېراتسىيە قىلىدىغانلارنىڭ سانىنى «12-بەش يىل»دىكى 85تىن 104كە كۆپەيتكەن. سۈنئىي قۇلاق قۇلۇلىسى كۆچۈرۈش قاتارلىق مېيىپلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، گاس-گاچا بالىلارنىڭ ئاۋدىفون تۈرىدە سەپلىنىدىغان ئاۋدىفون سانى «12-بەش يىل» مەزگىلدە ھەر يىلدىكى 100دىن 80گە چۈشكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر