باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

تۈرلۈك خېيىم-خەتەر ۋە خىرىسلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تاقابىل تۇرۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە، خەلقنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

2017.01.13 15:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا سىياسىي قانۇن خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، مۇنداق تەكىتلىدى: پۈتۈن مەملىكەتتىكى سىياسىي قانۇن ئورگانلىرى كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، خىزمەتتە ئالدىن كۆرەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئىدىيەدە، تەپەككۇردا، تۈزۈلمىدە، مېخانىزمدا، ئۇسۇلدا، ۋاسىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، تۈرلۈك خېيىم-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تاقابىل تۇرۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە، خەلقنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سىياسىي قانۇن سېپىدىكىلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەم نۆۋەتتىكى خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، ھەم يىراقنى كۆزلەپ، تىنچ-ئامان جۇڭگو، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جۇڭگو، قاتتىق تەلەپلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان قوشۇن قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىشتا مۇھىم تۆھپە قوشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 2017-يىلى پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىز تارىخىدىكى ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل. دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكى، بولۇپمۇ ھاكىمىيەت بىخەتەرلىكى، تۈزۈم بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، تۈرلۈك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەردە ئالدىن مۆلچەرلەش، ئاگاھلاندۇرۇش، ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشى ئۈچۈن بىخەتەر، مۇقىم ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىش كېرەك. قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى قەتئىي بوشاشماي ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن يۈرگۈزۈش سۈپىتى، ئۈنۈم ۋە ئاممىۋى ئىشەنچلىكىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك. سىياسىي قانۇن قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى قەتئىي بوشاشماي كۈچەيتىپ، ئىستىلى دۇرۇس، كەيپىياتى توغرا، ئىش قىلغىلى، ئىگىلىك تىكلىگىلى بولىدىغان ياخشى ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار بىخەتەرلىك، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ، مەنبەلىك، ئۇل خاراكتېرلىك خىزمەتلەرنى كۈچەيتىپ، ھەم تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەم ئامانلىقنى قوغداشتەك سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. سىياسىي قانۇن خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، سىياسىي قانۇن ئورگانلىرىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسىنى ياخشى سەپلەپ ۋە كۈچەيتىپ، سىياسىي قانۇن خىزمىتىنى چەكلەپ تۇرىدىغان تۈزۈلمە، مېخانىزم خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ ھەل قىلىش، يېڭى ۋەزىيەتتىكى سىياسىي قانۇن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر