- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئىككى يىغىن: بۇ يىل ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئون خەلقئارا چوڭ بازار قۇرۇلىدۇ
2017.01.13 14:56 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11- يانۋار، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، خەلقئارا چوڭ بازار مەدەنىيەت كەسپى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى سۈن يۈ مۇنداق دېدى: ئىستېمالچىلارنڭ شىنجاڭنىڭ يەرلىك مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ چۈشىنىپ، شىنجاڭنىڭ ساپ يېمەك-ئىچمەكلىرى ۋە ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى تېتىپ بېقىشى ئۈچۈن، بۇ يىل ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئون خەلقئارا چوڭ بازىرى قۇرۇشنى پىلانلىدۇق.
2016- يىلى 12- ئاينىڭ 18- كۈنى، ئىچكىرى رايوندىكى تۇنجى خەلقئارا چوڭ بازار بېيجىڭدا تىجارەت باشلىدى، بازارنىڭ ئىگىلىگەن كۆلىمى 2000 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، شىنجاڭنىڭ يېمەك-ئىچمەكلىرى ۋە ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى، مىللىي قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى، ھەمدە ناخشا-ئۇسسۇلى قاتارلىقلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان. مەزكۇر بازار ئىستېمالچىلارغا ئەڭ ساپ بولغان شىنجاڭ مەدەنىيىتىنى ھېس قىلدۇرالايدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر