باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

يۈ جېڭشېڭ رۈەن فۇجۇڭ بىلەن كۆرۈشتى

2017.01.16 14:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ 13-يانۋار بېيجىڭدا ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۈەن فۇجۇڭ بىلەن كۆرۈشتى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: ئىككى تەرەپنىڭ ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، نۆۋەتتە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى داۋاملىق، ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىش يېڭى باسقۇچىغا كىردى، بۇ ۋەزىيەت تەستە قولغا كەلدى، ھەسسىلەپ قەدىرلەش كېرەك. ئىككى تەرەپ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالماشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆز-ئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي ھەمكارلىققا تۈرتكە بولۇپ، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشى كېرەك. جۇڭگو مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭىشى ۋىيېتنام ۋەتەن فىرونتى بىلەن ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىجابىي رول ئويناشنى خالايدۇ.

  رۈەن فۇجۇڭ مۇنداق دېدى: ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى كۈچەيتىش، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى راۋالاندۇرۇش-ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق قارىشى، ۋىيېتنام ۋەتەن فىرونتى جۇڭگو مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئەل ئارا ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. كۆرۈشۈشتىن كېيىن، يۈ جېڭشېڭ بىلەن رۈەن فۇجۇڭ جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 67 يىللىقى ۋە 2017-يىللىق چاغانلىق دوستلۇق پائالىيىتىگە قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر