باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىل، خەلق تورى 20 يىللىقىنى كۈتۈۋالدى

«توردىكى خەلق گېزىتى» مانا مۇنداق تاۋلانغان

2017.01.16 16:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلق تورىدىكى بارلىق خىزمەتچىلەرنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورنىغان كۈن-2016-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، باش شۇجى شى جىنپىڭ خەلق گېزىتى ئىدارىسىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، خەلق تورى ئاڭلىتىش بۆلۈمىگە كىرىپ، 2000 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى فۇجيەن ئۆلكىسى نىڭدې چىشى كەنتىدە زىيارەتتە بولىۋاتقان مۇخبىر بىلەن ۋىدىئودا كۆرۈشۈپ، چىشى كەنتىدىكى كادىرلار ۋە ئامما بىلەن پاراڭلاشتى.

  شۇ يىلى «شەرقىي فۇجيەن گېزىتى» نىڭ باش مۇھەررىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ۋاڭ شاۋجۈمۇ ۋىدىئودا بار ئىدى، شى جىنپىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئىككىسىنىڭ يېزىلارغا بېرىپ دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىگە بىللە كىرگىنىنى ئەسلىدى. بۇرۇن يىراقلاردىن خەت-ئالاقە قىلىشىدىغان بولسا، مانا ھازىر بىر كۇنۇپكا بىلەنلا ھەممە جاي بىلەن ئالاقىلىشالايدىغان بولدى. 30 يىل بۇرۇن، ۋاڭ شاۋجۈنىڭ بىر پارچە خېتى «خەلق گېزىتى» دە ئېلان قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ دىققىتى نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىگە مەركەزلەشتۈردى. شى جىنپىڭ شۇ پۇرسەتتە تەھرىر-مۇخبىرلار سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «پۇرسەت يارىتىپ ئاساسىي قاتلام 1-سېپىگە كۆپرەك بېرىڭلار»، «ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى چۈشىنىڭلار».

  «باش شۇجى بىز بىلەن بىللە!» خەلق تورىنىڭ «ھەقىقەت» پروگراممىسىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى لى جىنبو دەرھال ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىگە بۇ سۆزنى قالدۇرۇپ، نۇرغۇن كىشىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى.

  «خەلق گېزىتى» خەۋەر ئەندىزىسىدە، مەيلى تەكشىلىك خەۋىرى، ياكى يېڭى خەۋەر بولسۇن، يۆنىلىش جەھەتتە خەلق گېزىتى بىلەن باشتىن-ئاخىر ئوخشاش سىياسىي تەلەپ ۋە خىزمەت ئۆلچىمىدە چىڭ تۇردى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، خەلق تورى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشتىكى يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە ۋە يېڭى ئىستراتېگىيەنى ياخشى تەشۋىق قىلىشنى مۇھىم مەسئۇلىيىتى قىلدى. پارتىيە گېزىتى ۋە خەلق تورىنىڭ نامى پارتىيە، خەلق تورىنىڭ مەڭگۈ ئۆزگەرمەس «ئەسلى مەقسىتى». بۇ يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنى، «توردىكى خەلق گېزىتى»-خەلق تورى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىق خاتىرە كۈنى.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئورگان گېزىتى تەشكىلىگەن ئاخبارات تور بېكىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خەلق تورى خەلق گېزىتىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ دەرەخكە تايىنىپ، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشنى گېزىتخانىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، خەلق گېزىتى تەھرىر ھەيئىتىنىڭ ئاسرىشى بىلەن ساغلام ئۆسۈپ يېتىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر