خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 15-يانۋار بېرندا شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ بارلىق ئەزالىرى كوللېكتىپ ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن سائەت 15تىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە فېدېراتسىيە سارىيىغا يېتىپ بارغاندا، ھەربىي ئوركېستىر قارشى ئېلىش مۇزىكىسى چالدى. شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ رەئىسى لوئىتخارد ۋە ئۇنىڭ ئېرى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدا ئۇلارنى كۈتۈۋالدى، فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ باشقا ئالتە ئەزاسى ساراينىڭ 2-قەۋەت سۇپىسىدا قاتار تۇرۇپ ئۇلارنى كۈتۈۋالدى. شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ئۇلار بىلەن بىرمۇ-بىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ قارشى ئېلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: رەئىس لوئىتخارد ۋە ھەر قايسى فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرىنىڭ جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنى قىزغىن، دوستانە كۈتۈۋېلىشى شىۋېيتسارىيە خەلقىنىڭ جۇڭگو خەلقى بىلەن بولغان چوڭقۇر دوستلۇقىنى ئىپادىلەپ، شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغان ئاكتىپ پوزىتسىيەسىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ. بۇنىڭغا يۈكسەك ئاپىرىن ئېيتىمەن ۋە سەمىمىي تەشەككۈر بىلدۈرىمەن. جۇڭگو-شىۋېيتسارىيە ئىككى دۆلەتنىڭ ئارىلىقى يىراق بولسىمۇ، لېكىن ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئالاقىسى ۋە دوستلۇق رىشتىنىڭ تارىخى ئۇزۇن. شىۋېيتسارىيە خەلقى جۇڭگونىڭ ئۇزاق تارىخى، شانلىق مەدەنىيىتىنى ياخشى كۆرىدۇ، نۇرغۇنلىغان جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرمۇ شىۋېيتسارىيەنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىگە مەپتۇن بولۇپ بۇ يەرگە ساياھەتكە كېلىدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى