باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

4-ئايدا «12369» مۇھىت ئاسراش پاش قىلىش تېلېفونىدا پاش قىلىنىپ بىر تەرەپ قىلىنغان ئەھۋالار ئېلان قىلىندى

ئاتموسفېرا بۇلغىنىشى ئەڭ گەۋدىلىك مەسىلە بولدى

2016.06.03 15:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى «12369» مۇھىت ئاسراش پاش قىلىش تېلېفونىنىڭ 4-ئايدىكى جامائەتنىڭ پاش قىلىشىنى قوبۇل قىلىش ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى: جامائەتنىڭ ئەڭ كۆپ پاش قىلغىنى ئاتموسفېرا بۇلغىنىشى مەسىلىسى بولۇپ، ئۇنىڭدىن قالسا سۇ ۋە شاۋقۇن بۇلغىنىشى ئىكەن؛ ئەڭ كۆپ پاش قىلغان ساھە بولسا ياسىمىچىلىق كەسپى بولۇپ، ئۇندىن قالسا سانائەت ۋە مېتاللوئىد قېزىلما بايلىق پىششىقلاش كەسپى بولغان. قوبۇل قىلىنغان 55 دېلو تەۋە بولغان جايدىكى مۇھىت ئاسراش تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن. تەلەپكە ئاساسەن، بۇ يىل 7-ئايدا پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنغان نەتىجىسى ئېلان قىلىنىدىكەن.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى يەنە 2-ئايدىكى جامائەتنىڭ پاش قىلىشى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغان ئەھۋالنى ئېلان قىلدى: «12369» مۇھىت ئاسراش پاش قىلىش تېلېفونى 2-ئايدا 40 دېلونى تاپشۇرۇۋېلىپ بىر تەرەپ قىلغان بولۇپ، دېلو ھازىر پۈتۈنلەي سۈرك بويىچە ئاياغلاشقان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر