باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خېنەن ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، لوياڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ سابىق شۇجىسى چېن شۆفېڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش، خىزمەت ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلدى

2016.06.03 15:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقى بىلەن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى خېنەن ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، لوياڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ سابىق شۇجىسى چېن شۆفېڭنىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىگە قارىتا دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق، چېن شۆفېڭ سىياسىي ئىنتىزامغا ۋە سىياسىي قائىدىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلغان، گۇرۇھ ئويۇشتۇرغان، ئۆز ئالدىغا كۈچ تەربىيەلىگەن، تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارشىلىق قىلغان؛ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا ئېغىر خىلاپ قىلىپ، قائىدىگە خىلاپ ئالىي دەرىجىلىك كۆڭۈل ئېچىش مەركىزىگە بارغان؛ تەشكىلىي ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپ قىلىپ، ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن دېموكراتىك كۆرسىتىش داۋامىدا يېشىنى ئۆزگەرتىۋېتىپ، پارا بېرىپ سايلانغان؛ بەلگىلىمىگە خىلاپ ئىلگىرى ۋەزىپە ئۆتىگەن ئورۇنلاردىكى كادىرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا قول تىققان؛ پاكلىق ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ پايدا ئېلىش مەقسىتىدىكى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، ھوقۇق-شەھۋەتپەرەسلىك، پۇل-ئىشقىۋازلىق سودىسى قىلغان؛ ئېغىر دەرىجىدە ئاممىۋى ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان؛ ئېغىر دەرىجىدە خىزمەت ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ تۇغقانلىرىنىڭ شەخسىي ئىشلىرىنى ھەل قىلغان.

  خىزمەتتىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، كارخانا باشقۇرۇش قاتارلىق ﺟﻪﮬﻪﺗﻠﻪردە باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزگەن ھەم مال-مۈلۈك قوبۇل قىلغان، پارىخورلۇق قىلمىشى جىنايەتكە چېتىلىدۇ؛ دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىشتە ئۆز بۇرچىنى توغرا ئادا قىلمىغان بولۇپ، دۆلەت مۈلكىگە ئېغىر زىيان سالغان قىلمىشى مەسئۇلىيەتسىزلىك جىنايىتىگە چېتىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر