باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

لياۋنىڭ ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق پارتگۇرۇپپا ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ ياڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، نۆۋەتتە تەشكىل تەرىپىدىن تەكشۈرۈلدى

2016.06.03 15:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقى بىلەن، ج ك پ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى لياۋنىڭ ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق پارتگۇرۇپپا ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ ياڭنىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىگە قارىتا دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ۋاڭ ياڭ سىياسىي ئىنتىزامغا ۋە سىياسىي قائىدىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، تەشكىلىي پىرىنسىپقا خىلاپلىق قىلىپ، پارا بېرىپ سايلىنىش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارشىلىق كۆرسەتكەن؛ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا ئېغىر خىلاپ قىلىپ، ئادىل ئىجرا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان مېھماندارچىلىققا بارغان؛ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﯩﻲ ﺋﯩﻨﺘﯩﺰامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىپ، بەلگىلىمە بويىچە ئۆزىگە ئالاقىدار ئىشلارنى دوكلات قىلمىغان؛ ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش، تەيىنلەشتە باشقىلارغا نەپ بېرىپ، مال-مۈلۈك قوبۇل قىلغان؛ خىزمەت ھوقۇقى ۋە ۋەزىپە تەسىرىدىن پايدىلىنىپ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇش ھەم ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈش ﺟﻪﮬﻪﺗﻠﻪردە قىزىغا مەنپەئەت يەتكۈزگەن؛ پاكلىق ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، ھۆرمەت پۇلى قوبۇل قىلغان؛ خىزمەت ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، بازار ئىگىلىكىگە ئارىلاشقان؛ خىزمەتتىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ كارخانا باشقۇرۇش قاتارلىق ﺟﻪﮬﻪﺗﻠﻪردە باشقىلار ئۈچۈن مەنپەئەت يەتكۈزگەن ھەم مال-مۈلۈك قوبۇل قىلغان بولۇپ، پارىخورلۇق جىنايىتىگە چېتىلىدۇ؛ پارا بېرىپ سايلىنىش مەسىلىسى سايلامغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتىگە چېتىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر