باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

شېنجىن تاموژنىسىدا ئوغرىلىقچە توشۇپ كىرىلگەن 20 توننا «چەت ئەل ئەخلەتلىرى» تەكشۈرۈپ بايقالدى(1)

2016.06.03 16:00   مەنبە: خەلق تورى

شېنجىن تاموژنىسىدا ئوغرىلىقچە توشۇپ كىرىلگەن 20 توننا «چەت ئەل ئەخلەتلىرى» تەكشۈرۈپ بايقالدى(1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-ئىيۇن، شېنجېن تاموژنىسىنىڭ خادىملىرى ئورالمىنى ئېچىپ، ئوغرىلىقچە يۆتكەپ كىرىلگەن قولغا چۈشكەن قاتتىق تاشلاندۇقلارنى كۆرسەتمەكتە.

  يېقىندا، شېنجىن تاموژنىسىغا تەۋە داپېڭ تاموژنىسى، شېنجېن يەنتيەن ئىمپورت-ئېكىسپورت چېگرا پىرىيۇم- كارانتىن ئىدارىسى بىرلىكتە شېنجېن يەنچېڭ پورت ئېغىزىدا بىر قېتىملىق ئىمپورت قىلىنغان، يالغان مەلۇم قىلىنغان قاتتىق تاشلاندۇق بۇيۇملار دىلوسىنى پاش قىلدى. دىلوغا چېتىلىدىغان ئەخلەتلەرنىڭ ئومۇمى ئېغىرلىقى 19.9 توننا بولۇپ، 40 گەز كېلىدىغان يۈك ساندۇقىغا قاچىلانغان.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ بىر تۈركۈم مال بېلگىيەدىن يولغا سېلىنغان بولۇپ، ئىمپورت قىلىشنى ئىلتىماس قىلغان نامى «باشقا دەسلەپكى قايتا پەيدا بولىدىغان پولىپروپىلىن دانچىلىرى» ئىكەن.

  يەنتيەن چېگرا ئىمپورت-ئېكىسپورت چېگرا پىرىيۇم- كارانتىن ئىدارىسىنىڭ ماللاردىن ئەۋرىشكە ئېلىپ تېزلىكتە تەكشۈرۈشى ئارقىلىق، بۇ ماللارنىڭ كېرەكسىز پىلاستىك بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش-ئىشلىتىش جەريانىدا ئاسانلا زور تۈركۈمدىكى زەھەرلىك، زىيانلىق گاز ۋە ئەخلەت پەيدا قىلىدىغان، ئىمپورت قىلىش چەكلىنىش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بۇيۇملارغا تەۋە ئىكەن.

  نۆۋەتتە، تاموژنا ئەتكەسچىلىككە زەربە بېرىش تارماقلىرى دىلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى باشلىدى. بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن، دىلوغا چېتىشلىق بۇ ماللار مەخسۇس شىركەتلەرگە ئېلىپ بېرىلىپ، زىيانسىزلاشتۇرۇلۇپ يوقىتىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە ھەرقايسى ئۆلكە ( ئاپتونوم رايون، شەھەر )نىڭ 2016-يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان…
    ·بۈگۈندىن باشلاپ، دۆلەتلىك ئىمتىھاندا كۆچۈرمىكەشلىق قىلغانلارنىڭ ئۈچ يىلغىچە ئىمتىھانغا قاتنىشىشى چە…
    ·قازاق مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتى- كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ جۇڭگولوق ئوقۇتقۇچىلىرى جۇڭگونىڭ ئالمۇتادا تۇرۇشلۇق …
    ·مائارىپنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇپ، خەلققە نەپ يەتكۈزەيلى
    ·ئاپتونوم رايون ھەر يىلى 50 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، مائارىپنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇشقا كا…
    ·نومۇر قوشۇش تۈرلىرى قىسقارتىلىدۇ
    ·ئاپتونوم رايونىمىز ھەر يىلى 50 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇ…
    ·ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىدىن ئېلىنىدىغان يېزىقچە سالاھىيەت ئىمتىھانى ھەر يىلى 3-ئاي ۋە…
    ·ئېلىمىزدە سەنئەت ساھەسىدە ماگىستىر تەربىيەلەش ئورنى 200 دىن ئاشتى
    ·مەملىكەت بويىچە يەنە 73 ساختا ئالىي مەكتەپ ئاشكارىلاندى