باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2015- يىلى ئېلىمىزنىڭ چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەنلەر سانى 12 % كۆپەيدى

2016.03.22 13:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2015 - يىلى ئېلىمىزدىن چەت ئەلگە ئوقۇشقا چىققانلارنىڭ سانى 523 مىڭ 200 ئادەم بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلىتىمىزدىن چەت ئەلگە ئەۋەتىلگەنلەر 25 مىڭ 900، ئورۇنلار ئەۋەتكەنلەر 16 مىڭ، ئۆز خىراجىتى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇغانلار 481 مىڭ 800 بولغان. ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ سانى 409 مىڭ 100 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت ئەۋەتكەنلەر 21 مىڭ 100، ئورۇنلار ئەۋەتكەنلەر 14 مىڭ 200 ، ئۆز خىراجىتى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇغانلار 373 مىڭ 800 ئادەم بولغان.

  2014 - يىللىق سانلىق مەلۇماتقا سېلىشتۇرغاندا، ئېلىمىزنىڭ چەت ئەلگە ئوقۇشقا چىققان ئادەم سانى ۋە ۋەتەنگە قايتقانلار سانى ئوخشاشلا كۆپەيگەن بولۇپ، چەت ئەلگە ئوقۇشقا چىققانلارنىڭ سانى 63 مىڭ 900 ئادەم كۆپىيىپ، % 13.9 ئاشقان؛ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ سانى 44 مىڭ 300 ئادەم كۆپىيىپ، 12.1% ئاشقان. يىللىق چەت ئەلگە چىققانلار بىلەن ۋەتەنگە قايتقانلارنىڭ سان نىسبىتى 2006 - يىلىدىكى 3.15:1 دىن 2015-يىلىدىكى 1.28:1 كە چۈشكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، 1978-يىلىدىن 2015-يىلى يىل ئاخىرىغىچە، چەت ئەلگە ئوقۇشقا چىققانلارنىڭ سانى 40 مىليون 42 مىڭ 100 ئادەمگە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە 12 مىليون 64 مىڭ 300 ئادەم چەت ئەلدە ئۆگىنىش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بولۇپ، 27 مىليون 78 مىڭ 800 ئادەم ئوقۇشنى تۈگەتكەن؛ 22 مىليون 18 مىڭ 600 ئادەم ئوقۇشنى تۈگىتىپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر