باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

24-ئاپرېل جۇڭگو ئالەم قاتنىشى كۈنى قىلىندى

2016.03.23 15:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن يېقىندا تەستىق سېلىپ، بۇ يىلدىن باشلاپ ھەر يىلى 24-ئاپرېلنى جۇڭگو ئالەم قاتنىشى كۈنى قىلىشقا قوشۇلدى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، دۆلەت مۇداپىئەسى پەن تېخنىكا ۋە سانائەت ئىدارىسى ئالاقىدار تارماقنىڭ كونكرېت خىزمەتلەرنى تەشكىللەپ يولغا قويىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردى. 1970-يىلى 24-ئاپرېل ئېلىمىز تۇنجى يەر شارى سۈنئىي ھەمرىيى بولغان شەرق قىزاردى1-نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ ئالەمنىڭ سىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش، ئالەم بوشلۇقىدىن تىنچلىق ئۈچۈن پايدىلىنىش، ئىنسانلارغا بەخت يارىتىشنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىغان ئىدى. مۇشۇنى بەلگە قىلىپ، جۇڭگو ئالەم قاتنىشى كۈنىنى تەسىس قىلىش- ئېلىمىزنىڭ تاشقى ئالەم بوشلۇقىدىن تىنچلىق ئۈچۈن پايدىلىنىش باش مەقسىتىنى تەشۋىق قىلىش، ئالەم قاتنىشى روھىنى زور كۈچ بىلەن نۇرلاندۇرۇش، ئالەم قاتنىشى ساۋاتلىرىنى ئىلىمىي ئومۇملاشتۇرۇش، پۈتۈن خەلقنىڭ يېڭىلىق يارىتىش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇش، ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئالەم قاتنىشىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش ئاساسىي مېلودىيەسىنى ياڭرىتىش، جۇڭگو ئارزۇسى ، ئالەم قاتنىشى ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچلەرنى مۇجەسسەملەشنى مەقسەت قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر