باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كۆپلىگەن تارماقلار 13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدىكى ئىسلاھات پىلانىنى چۈشەندۈردى

2016.03.22 11:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى قانداق ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە قارىتا، خەلق بانكىسى، دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى قاتارلىق كۆپلىگەن تارماقلارنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۈچنى چىقىرىۋېتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاشتىن ئىبارەت بەش چوڭ ۋەزىپە يەنىلا مۇھىم نۇقتا. قۇرۇلمىلىق تەڭشەشكە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، مۇناسىپ ئىسلاھات سىياسىتىنى يولغا قويۇش كەم بولسا بولمايدۇ.پۇل مۇئامىلە بازىرى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش جەھەتتە، كاپىتال بازىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ قەرز بېرىش پىشاڭىغا تايىنىۋېلىشچانلىقىنى يېنىكلىتىش ھەمدە خېيىم خەتەرنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئالدىنى ئېلىش كۈچەيتىلىدۇ. مالىيە باج ئىسلاھاتى جەھەتتە ئاساسلىقى خامچوتنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتى، باج كىرىمى تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ ھوقۇقى ۋە چىقىم قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئايرىش قاتارلىق ئىشلار ئېلىپ بېرىلىدۇ.

  كۆپلىگەن مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ قارىدى: 13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇش، ئامبارسىزلاشتۇرۇش، پىشاڭسىزلاشتۇرۇش؛ تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش، كەمكۇسلارنى تولۇقلاش قاتارلىق بەش چوڭ ۋەزىپىنى چىڭ تۇتۇپ، تەمىنلەش سىستېمىسىنىڭ سۈپىتىنى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتقا ماس كېلىدىغان سىياسەتلەرنى يولغا قويۇش لازىم.

  دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شۈ شياۋشى كەلگۈسىدىكى سىياسەتنىڭ يۆنىلىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىقتىسادنىڭ تىز سۈرەتتە ئېشىشىنىڭ %6.5 دىن يۇقىرى ئوتتۇرا يۇقىرى سۈرەتتە بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ماكرو جەھەتتىن تەڭشەش ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. ئارىلىقتا تەڭشەش تىزگىنلەش ئاساسىدا نىشانلىق تەڭشەش تىزگىنلەش، ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەش تىزگىنلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتقا مۇقىم ماكرو شارائىت يارىتىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر