باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي بانكا ئامانەت پۇل زاپىسى نىسبىتىنى 0.5 پىرسەنت پوئىنت تۆۋەنلەتتى

2016.03.01 18:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي بانكا بۈگۈن تۇنجى قېتىم پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ خەلق پۇلى ئامانەت پۇل زاپىسى نىسپىتىنى 0.5 پىرسەنت پوئىنت تۆۋەنلەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە ئامانەت پۇل زاپىسى نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكەندە بىر تەرەپتىن، ئاساسىي پۇل سېلىنمىسىنىڭ كېمىيىش بېسىمىنى يېنىكلىتىدىكەن، يەنە بىر تەرەپتىن، بانكىنىڭ تىجارەت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادىي كۈچىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق ئىكەن. كەلگۈسىدە سىياسەت جەھەتتە يەنىمۇ تۆۋەنلىتىش بوشلۇقى مەۋجۇت ئىكەن.

  مەركىزىي بانكا 29-فېۋرال، 2016-يىلى-3ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ خەلق پۇلى ئامانەت پۇل زاپىسى نىسبىتىنى ئومۇمىيۈزلۈك 0.5 پىرسەنت پوئىنت تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق، پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ ھەرىكەتچانلىقىنى مۇۋاپىق تولۇقلاپ، پۇل مۇئامىلە كرېدىتىنى مۇقىم، مۇۋاپىق ئۆستۈرۈپ، يان قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى مۇۋاپىق پۇل مۇئامىلە مۇھىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  يېقىندا، مەركىزىي بانكا باشلىقى جۇ شياۋچۈەن 2016-يىللىق G20 تۇنجى قېتىملىق مالىيە باشلىقلىرى ۋە مەركىزى بانكا باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ ئېچىلىش ھارپىسىدا، جۇڭگونىڭ پۇلمۇئامىلە سىياسىتىدە يەنىلا بوشلۇق ۋە پايدىلىنىشقا بولىدىغان شارائىتنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى .مەركىزىي بانكا شۇ كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، جۇڭگونىڭ نۆۋەتتىكى پۇل مۇئامىلە سىياسىتىنى پۇختا،ساغلام ۋە خېلى كەڭ دەپ تەسۋىرلەپ، ئىلگىرىكى «مۇقىم ۋە ساغلام پۇلمۇئامىلە سىياسىتى» كۆرسەتمىسىنىڭ كەينىگە «خېلى كەڭ» دېگەن سۆزنى قوشۇپ قويدى.

  جۇشياۋچۈەن مۇنداق دېدى: پۇل مۇئامىلە سىياسىتىگە زىيادە ئۈمىد باغلاپ كەتمەي، مالىيە سىياسىتى ۋە قۇرۇلما خاراكتېرلىك سىياسەتتىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك سىياسەتتىن پايدىلىنىش كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر