باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كانادا 25 مىڭ سۈرىيەلىك مۇساپىرنى قوبۇل قىلدى

2016.03.01 15:32         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قاتار تاراتقۇلىرىنىڭ 28-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، 28-فېۋرال، كانادا كۆچمەنلەر مىنىستىرلىقى زۇڭلى تىرۇدۇنىڭ ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاللىقاچان 25 مىڭ سۈرىيەلىك مۇساپىرنى قوبۇل قىلغانلىقىنى جاكارلىغان.

  كانادا كۆچمەنلەر مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى جون ماككالۇم ئالاقە تورى باش بېتىگە «مۇساپىرلار سىلەرنى قارشى ئالىمىز!» دەپ يازغان.

  كانادا زۇڭلىسى زۇڭلى سايلىمى رىقابىتىدە ۋەدە بېرىپ: «2015-يىل ئاياغلىشىشتىن ئىلگىرى ئىئوردانىيە، لىۋان ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن 25 مىڭ مۇساپىرنى قوبۇل قىلىمىز» دەپ ۋەدە بەرگەن، بىراق، بۇ ئۇلۇغۋار نىشان باشقۇرۇش ۋە ئارقا سەپ ئىشلىرى تۈپەيلى توسالغۇغا ئۇچرىغان. كانادا ھۆكۈمىتى بۇلتۇر نويابىردا ئەسلىدىكى پىلاننى ئىككى ئاي كېچىكتۈرۈشكە مەجبۇر بولغان.

  بۇلتۇر دېكابىردا، كانادا تۇنجى تۈركۈم مۇساپىرنى قوبۇل قىلغان، بۇ مۇساپىرلار كانادا دۆلىتىدىكى 250 شەھەر-بازارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

  نۆۋەتتە، كانادا ھۆكۈمىتى 2016-يىلنىڭ ئاخىرى 12 مىڭ سۈرىيەلىك مۇساپىرنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى، ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن ماسلىشىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر