باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«2015-يىللىق جۇڭگونىڭ زەھەر چەكلەش ۋەزىيىتى دوكلاتى» ئېلان قىلىندى

2016.02.22 09:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك زەھەر مەنئى قىلىش كومىتېتى 18-فېۋرال «2015-يىللىق جۇڭگونىڭ زەھەر چەكلەش ۋەزىيىتى دوكلاتى»نى ئېلان قىلدى. دوكلاتتىن ئايان بولۇشىچە، ئۆتكەن يىلى مەملىكەت بويىچە زەھەر جىنايى ئىشلار دېلولىرىدىن 165 مىڭ قېتىم يۈز بەرگەن، تۈرلۈك زەھەردىن 102.5 توننا قولغا چۈشۈرۈلگەن، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.2 ۋە %48.7 ئاشقان.

  ئۆتكەن يىلى مەملىكەت بويىچە 1 مىليون 62 مىڭ ئادەم قېتىم زەھەر چەككۈچى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20 كۆپ؛ زەھەر چەككۈچىلەردە يېشى كىچىكلىشىشتەك ئالاھىدىلىك كۆرۈلدى. مەملىكەت بويىچە 2 مىليون 345 مىڭ زەھەر چەككۈچى ئىچىدە، 18 ياشتىن 35 ياشقىچە بولغانلار 1 مىليون 422 مىڭ كىشى بولۇپ، %60.6نى ئىگىلىدى.

  دۆلەتلىك زەھەر مەنئى قىلىش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ يۆجىن مۇنداق دېدى: ئالتۇن ئۈچ بۇرجەك رايونى يەنىلا چېگرا ئىچىدىكى خېروئىن ۋە كىرىستال زەھەر چەتئەلدىن كىرىدىغان ئاساسلىق مەنبە بولدى. ئۇندىن باشقا، دۆلەت ئىچىدە كىرىستال زەھەر ، خىلورامىن كېتون ياساش ھەرىكىتىمۇ كۆرۈنەرلىك بولدى، قانۇنسىز ئەپيۈنگۈل تېرىش، يەرلىك خېروئىن ياساش قاتارلىق مەسىلىلەرمۇ يەنىلا ساقلاندى. ئۆتكەن يىلى ئېلىمىزدە ئىشلەنگەن خېروئىندىن 79 توننا قولغا چۈشۈرۈلدى، بۇ مەملىكەت بويىچە زەھەر ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %77.3نى ئىگىلەيدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر