باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى - مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىدە سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىگە خىلاپ 88 مەسىلە ئېلان قىلىندى

2016.01.22 15:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ22- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى - مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىدە 21-يانۋار ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ 88 مەسىلىنى ئېلان قىلىندى. بۇ، يېقىندىن بۇيان بۇ تور بېكەتتە ئۇدا ئۈچ ھەپتە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىنىڭ خەۋەر قىلىنىشى ھېسابلىنىدۇ.

  بۇ مەسىلىلىلەر ئىچىدە توي-تۆكۈن ۋە نەزىر-چىراغنى چوڭ ئۆتكۈزۈش ئەڭ گەۋدىلىك بولۇپ، % 24 نى؛ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تولۇقلىما پۇلى ۋە پاراۋانلىق پۇلى تارقىتىش 20 % نى ؛ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلنى سەپلەپ ئىشلىتىش % 17 نى ئىگىلەپ ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئالدىنقى ئۈچ ئورۇننى ئىگىلىگەن. بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق پۇل ئالغان ۋە سوۋغا قىلغان، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ-ئىچىش، ھۆكۈمەت پۇلىغا مەملىكەت ئىچىدە ساياھەت قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرمۇ بىر قەدەر گەۋدىلىك بولغان.

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى - مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىدە بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا مەخسۇس سەھىپە ئېچىلىپ، كەڭ تورداشلارنىڭ يېڭى يىل، چاغان مەزگىلىدە «تۆت ئىستىل» مەسىلىسىنى پاش قىلىشىنى قارشى ئالغان، ھەمدە بۇ يىل 7-يانۋاردىن باشلاپ ئۇدا 4 ھەپتە ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ ئاشكارىلاشنى قارار قىلغان.(مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر