- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شى جىنپىڭ مىسىر زۇڭتۇڭى سىسى بىلەن سۆھبەتلەشتى
قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، جۇڭگو-مىسىرنىڭ دوستانە، ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىدىغان يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشنى تەكىتلىدى
2016.01.22 15:31 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 21-يانۋار قاھىرەدىكى كۇبا سارىيىدا مىسىر زۇڭتۇڭى سىسى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو-مىسىرنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ۋە ھەر ساھەنىڭ ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىش نەتىجىلىرىگە يۈكسەك باھا بېرىپ، جۇڭگو-مىسىر مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانى تۈزۈپ، ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا، رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مىسىر ___ ئەرەب، ئافرىقا، ئىسلام ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەت. جۇڭگو-مىسىر دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 60 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئۆزلىرىنىڭ بوران-چاپقۇنلىرى ۋە خەلقئارانىڭ ۋەزىيەتنىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرىپ، باشتىن-ئاخىر ئۆز ئارا مەدەت بېرىپ، ھۆرمەتلەپ، بىر-بىرىگە ئىشەندى. جۇڭگو-مىسىر ھازىر دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى، مىللەتلەرنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئارزۇغا دۇچ كەلدى. بىز مىسىر بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، ئورتاق ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو-مىسىرنىڭ دوستانە، ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىدىغان يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشنى خالايمىز. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر