باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىز بىلەن «بىر بەلۋاغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلدى

2015.08.05 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق گېزىتى، بېيجىڭ، 4-ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. سودا مىنىستىرلىقى 4-ئاۋغۇست ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، ئاخبارات باياناتچىسى شېن دەنياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئالدىنقى يېرىم يىلدا، دۆلىتىمىز بىلەن «بىر بەلۋاغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلدى، ئىلگىرى سۈرۈلۈش ئاكتىپچانلىقى، ئومۇمىي سۈرئىتى ۋە ئۈنۈمى مۆلچەردىكىدىنمۇ ياخشى بولدى.

  چەت ئەلگە بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىش جەھەتتە، دۆلىتىمىز كارخانىلىرى «بىر بەلۋاغ، بىر يول» بويىدىكى 48 دۆلەتكە بىۋاسىتە مەبلەغ سالدى، سالغان ئومۇمىي مەبلىغى 7 مىليارد 50 مىليون دوللار بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ٪22 ئاشتى، بۇ دۆلىتىمىزنىڭ غەيرىي پۇل مۇئامىلە تۈرىدىكى چەت ئەلگە سالغان بىۋاسىتە مەبلىغىنىڭ ٪15.3ىنى ئىگىلىدى. مەبلەغ ئاساسلىقى سىنگاپور، ھىندونېزىيە، لائوس، رۇسىيە، قازاقىستان ۋە تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەرگە سېلىندى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر