شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى شۆجۈن، تور ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋەكىلى ئەزىزەم، تور مەدەنىيلىكى نازارەتچىلىرى ۋەكىلى غەيرەت بىرلىكتە قوزغىتىش كونۇپكىسىنى باستى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئىنتېرنېت تورىدىكى قانۇنغا خىلاپ ۋە ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش سۇپىسى رەسمىي ئېچىلدى،بۈگۈندىن باشلاپ تورداشلار تېلىفون، ئۈندىدار، مىكروبىلوگ قاتارلىق كۆپ خىل ۋاستىلەردىن پايدىلىنىپ زىيانلىق تور ئۇچۇرلىرىنى پاش قىلالايدۇ. بۇ شىنجاڭنىڭ توردا پاش قىلىش خىزمىتىنىڭ باشلانغانلىقىدىن، شۇنداقلا تور بوشلۇقىنى قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشنىڭ ئالدىغا مۇھىم بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى شۆجۈن مۇراسىمغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى