باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى بالىلار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى

2015.06.01 15:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2014-يىلى مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى بىر يۈرۈش ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، بالىلار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى؛ ئوخشاش بولمىغان بالىلار كوللېكتىپىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ياردەم بەردى.

  مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى بالىلار خىزمىتى بۆلۈمى يېڭى مەزگىلدىكى ئاتا ئانىلارنىڭ ئائىلە تەربىيە ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، يېڭىدىن گۈللەنگەن تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىپ ئائىلە تەربىيەسىگە يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇش يېڭى قېلىپ ئۈستىدە ئىزدىنىش ئۈچۈن، جەمئىيەت كۈچلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن بوشلۇق دەرسخانىسى، بىللە ئۆسۈپ يېتىلىش ئاممىۋى پاراۋانلىق تۈرىنى قانات يايدۇردى ھەمدە ياخشى ئاتا- ئانا، ياخشى پەرزەنت ئۈندىدار ئاممىۋى سەھنىسىنى ئاچتى.

  2014-يىلى مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى، جۇڭگو بالىلار ئۆسمۈرلەر فوندى جەمئىيىتى جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنىڭ قوللىشى بىلەن ئائىلىسىدە قېلىپ قالغان بالىلار مەركەزلەشكەن 16 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردە 103 بالىلار شادلىق ئائىلىسى تەسىس قىلدى. ھەر بىر شادلىق ئائىلىسىگە بالىلار كۇتۇپخانىسى، كۆڭۈل ئېچىش ۋە تەنتەربىيە سايمانلىرى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئويۇنچۇق، كومپيۇتېر، تېلېۋىزور قاتارلىقلارنى بىر تۇتاش سەپلەپ بەردى. يېزىلاردىكى بالىلارغا كۆڭۈل ئېچىش تەنتەربىيە ئويۇنى، پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش، تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئېلىش، ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىرى يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق غەمخورلۇق مۇلازىمەت سەھنىسى ھازىرلىدى.

  ھازىر ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىلىرى تەشكىلاتلىرى شەھەر يېزا كوچا مەھەللىرى ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىگە تايىنىپ 110 مىڭدىن كۆپرەك بالىلار شادلىق ئائىلىسى، بالىلار ئائىلىسى قاتارلىق پائالىيەت بازىلىرىنى قۇردى. مەۋقەنى كوچا مەھەللىلەرگە قارىتىپ بالىلار ۋە ئائىلىلەرگە تېخىمۇ قولايلىق، تېخىمۇ قاراتمىلىقى بولغان غەمخورلۇق مۇلازىمىتى قىلدى.

  دۆلەتلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى نامرات رايونلاردىكى بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش داۋامىدىكى ئوزۇقلۇق كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ئىلمىي ھەل قىلىش ئۈچۈن،2012-يىلىدىن باشلاپ مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى بىلەن بىرلىكتە نامرات رايونلاردىكى بالىلارنىڭ ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش تۈرىنى يولغا قويدى. تۈر يولغا قويۇلغان رايونلاردا ئالتە ئايلىقتىن ئىككى ياشقىچە بولغان بالىلارغا ھەر كۈنى تەركىبىدە ئاقسىل، ۋىتامىن، كالتسىي، تۆمۈر، سىنك قاتارلىق ماددىلار مول بولغان ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىدى. شۇنداقلا بالىلار ئوزۇقلۇق ساۋاتلىرى تەشۋىقاتى ۋە ساغلاملىق تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، نامرات رايونلاردىكى بالىلارنىڭ ئوزۇقلۇق ئەھۋالىنى ياخشىلاش مەقسىتىگە يەتتى. مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى بالىلار خىزمىتى بۆلۈمى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2015-يىلى بۇ تۈردە نامرات رايونلاردىكى بىر مىليوندىن كۆپرەك بوۋاق ۋە بالىغا ئوزۇقلۇق خالتىسى تارقىتىپ بېرىلمەكچى. نامرات رايونلاردىكى بالىلارنىڭ ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش تۈرىنىڭ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، نامرات رايونلاردا ياشاۋاتقان كۆپلىگەن بالىلار تېخىمۇ ساغلام ۋە شادلىق ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر