- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


«يىپەك يولى رىۋايىتى» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئىشلىنىشكە باشلىدى
2015.03.24 16:00 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
شىنجاڭنىڭ تۇنجى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ رېئال تۇرمۇشى تېما قىلىنغان «يىپەك يولى رىۋايىتى» ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى يېقىندا جياڭسۇنىڭ ۋۇشىدا ئىشلىنىشكە باشلىدى. بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن سوۋغا قىلىنغان بولۇپ، دۆلەتلىك ئاخبارات نەشرىيات رادىيو كىنو تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى يىپەك يولى فىلىم ۋە تېلېۋىزىيە كۆۋرۈكى قۇرۇلۇشىنىڭ نۇقتىلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى تۈرى ئىكەن. بۇ يىل 10-ئايدا قويۇلىدىكەن. بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ياش غەيرەت سۇلايماننىڭ نامرات ئەتلەس تۇقۇمچىسى ئىز باساردىن يېڭى جۇڭگودىكى 1-ئەۋلاد يۇقىرى دەرىجىلىك توقۇمىچى مۇتەخەسسىسكە ئايلىنىش ھەققىدىكى ھېكايە بايان قىلىنغان، تېلېۋىزىيە تىياتىرى شەكلى ئارقىلىق ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-ۋە 60- يىللىرىدىكى شىنجاڭنىڭ قىياپىتى تەسۋىرلىنىپ، 60 يىلىدىن بۇيان شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىقتىسادى تەرەققىياتى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى ئۇلۇغ تارىخ مەدھىيەلەنگەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر