- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


نېپال زۇڭتۇڭى: جۇڭگو ئۇلۇغ قوشنىمىز، دوستىمىز ۋە شېرىكىمىز
2015.03.26 09:43 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
يېقىندا جۇڭگوغا كېلىپ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىگە قاتنىشىدىغان نېپال فېدېراتسىيە دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى ياداف، يېقىندا پايتەخت كاتماندودىكى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە مۇخبىرنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: نېپال جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئىزچىل تۈردە ياخشى بولۇپ كەلدى. جۇڭگو ئۇلۇغ قوشنىمىز، دوستىمىز ۋە شېرىكىمىز. ياداف مۇنداق دېدى: مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت ئۈستىدە سۆزلىشىشنى، شۇنداقلا ئۆز ئارا كۆڭۈل بىلىۋاتقان رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىيات مەسىلىسىدە پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. ياداف مۇنداق دېدى: بىر مۇقىم، قۇدرەت تاپقان ۋە گۈللەنگەن جۇڭگو رايون ۋە پۈتكۈل يەر شارىنىڭ تىنچلىقى، بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ. ئۇ نىپالنىڭ بىرلا جۇڭگو سىياسىتىگە ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر