26- مارت، چاۋشىيەن پىيوڭياڭ، چاۋشىيەن دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ27-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چاۋشىيەن دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش مىنىستىرلىكى 26-مارت ، چاۋشىيەن ئۆتكەن يىلى 9-ئاي ۋە 12- ئايدا ئىككى نەپەر كورىيە جاسۇسىنى قولغا ئالغانلىقىنى ئېلان قىلىپ ، بۇ مىىنىستىرلىك ئامېرىكا كورىيە ئىككى دۆلەتنىڭ چاۋشىيەنگە قارىتا جاسۇسلۇق ھەركىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. باياناتچى، بۇ ئىككى نەپەر جاسۇس ئامېرىكا كورىيە ئىككى دۆلەتنىڭ بۇيرۇقىنى قۇبۇل قىلىپ، كۆپ قېتىم چاۋشىيەن ئەمگەك پارتىيسى ۋە دۆلەت ئاخباراتى، ھەربى مەخپىيەتلىك قاتارلىقلارنى ئوغۇرلىغان، ھەم چاۋشىيەندە چاۋشىيەنگە قارشى تەشۋىقات بۇيۇمىنى تارقىتىپ، چاۋشىيەن جەمىيتىنىڭ تۈزۈمىگە ۋە تىنىچلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان،دېدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى