باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەزنىڭ شۇ دەرىجىلىك كىرىم- چىقىم خامچوتىدا مائاش پاراۋانلىق ئومۇمىي سوممىسى ئاشكارىلاندى

2015.03.27 16:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مائاش، پاراۋانلىق مۇتلەق كۆپ قىسىمنى ئىگىلەيدۇ مالىيە مىنىستىرلىقى تور بېكىتىدە يېقىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قاراپ چىقىپ ماقۇللىغان 2015- يىللىق مەركەزنىڭ مالىيە خامچوت دوكلاتى ئېلان قىلىندى. يېڭى خامچوت لايىھەسىنىڭ تەلىپىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن، بۇ يىل ئىقتىساد بويىچە تۈرگە ئايرىلىپ، مەركەزنىڭ شۇ دەرىجىلىك چىقىم خامچوتى مەزمۇنى تۇنجى قېتىم ئاشكارىلاندى. ئىگىلىنىشىچە، 2015- يىلى مەركەزنىڭ شۇ دەرىجىلىك كىرىم- چىقىم خامچوت ئومۇمىي سوممىسى 937 مىليارد 571 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 371 مىليارد 210 مىليون يۈەن مائاش، پاراۋانلىق چىقىمى تۇنجى قېتىم ئاشكارىلانغان.

  مەركەزنىڭ شۇ دەرىجىلىك ئاساسىي چىقىمى ئومۇمىي سوممىسى 937 مىليارد 500 مىليون يۈەن

  مائاش، پاراۋانلىق كۆپ نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ

  مالىيە مىنسىتىرلىقى تور بېكىتىدە ئاشكارىلانغان مەزمۇن مەركەزنىڭ ئادەتتىكى جامائەت مالىيە چىقىم خامچوتى، مەركەزنىڭ يەرلىك باجنى قايتۇرۇش ۋە يۆتكىمە چىقىم خامچوتى، مەركەز مالىيەسى زايوم قالدۇق سومما ئەھۋالى، ھۆكۈمەت فوندى كىرىم- چىقىم خامچوتى، مەركەز دۆلەت كاپتالى تىجارەت كىرىم- چىقىم خامچوتى قاتارلىقلارغا چېتىلىدىغان 21 جەدۋەل ۋە چۈشەندۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  يېڭى خامچوت قانۇنىنىڭ تەلىپى بويىچە، بۇ يىل ئىقتىساد بويىچە دەرىجىسى تۇنجى قېتىم ئايرىلىپ، مەركەزنىڭ شۇ دەرىجىلىك ئاساسىي چىقىم خامچوت مەزمۇنى ئاشكارىلاندى. دوكلاتقا قارىغاندا، مەركەزنىڭ 2015- يىللىق شۇ دەرىجىلىك ئاساسىي چىقىم خامچوتى 937 مىليارد 571 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇ ئۈچ تۈرگە ئايرىلىدىكەن، يەنى مائاش، پاراۋانلىق چىقىمى 371 مىليارد 210 مىليون يۈەن، شەخس ۋە ئائىلە تۇلۇقلىمىسى 219 مىليارد 659 مىليون يۈەن، تاۋار ۋە مۇلازىمەت چىقىمى 346 مىليارد 702 مىليون يۈەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر