- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاشنىڭ تەپسىلىي قائىدىسى بېكىتىلىدۇ
بۈگۈندىن باشلاپ ئاشكارا پىكىر ئېلىنىدۇ
2015.03.27 15:49 مەنبە: خەلق تورى
«كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ۋاقىتلىق نىزامى»نى ئىزچىللاشتۇرۇش، كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش قىلمىشىنى قېلىپلاشتۇرۇش، كۆچمەس مۈلۈك سودا بىخەتەرلىكىنى قوغداش، كۆچمەس مۈلۈك ئىگىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن، دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى «كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ۋاقىتلىق نىزامىنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى(پىكىر ئېلىش دەسلەپكى لايىھەسى)»نى تۈزدى. قانۇن چىقىرىش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ھازىر جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر ئالىدۇ.
كۆپچىلىك تۆۋەندىكى يول ۋە ئۇسۇللار ئارقىلىق پىكىر بەرسە بولىدۇ: بىرىنچى، جۇڭگو ھۆكۈمەت قانۇنچىلىق ئۇچۇر تورى (تور ئادرېسى: www.chinalaw.gov.cn)نىڭ باش بەت سول تەرەپتىكى «تارماقلارنىڭ دەسلەپكى لايىھەگە پىكىر ئېلىش سىستېمىسى»غا كىرىپ پىكىر بەرسە بولىدۇ. ئىككىنچى، خەت يېزىش ئارقىلىق خەتنى پوچتىدىن بېيجىڭ شەھىرى شىچېڭ رايونى فۇنېي كوچىسى 64-نومۇر دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقىنىڭ سىياسەت-قانۇن مەھكىمىسى(پوچتا نومۇرى 100812)غا ئەۋەتسە ۋە كونۋېرتنىڭ ئۈستىگە «كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ۋاقىتلىق نىزامىنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىغا پىكىر ئېلىش» دېگەننى ئىزاھلاپ قويسا بولىدۇ. ئۈچىنچى، ئېلخەت يوللاش ئۇسۇلى ئارقىلىق پىكىرنى zqyj@gtzyzcfl.com.cn گە يوللىسا بولىدۇ. پىكىر ئېلىش ۋاقتى 2015-يىلى 25-ئاپرېل ئاخىرلىشىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر