باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى يىللىق يىغىنى باشلاندى

2015.03.27 15:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈرلۈك ساھە بويىچە تەسىس قىلىنغان 77 مەيدان پائالىيەت ئارقىلىق ئاسىيانىڭ كەلگۈسى مۇھاكىمە قىلىنىدۇ

  سۈرەتتە: «تاراتقۇ يولباشچىلىرى يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى» 26- مارت «يىپەك يولى ئورتاق تۇنۇشىنى مۇجەسسەملەشتۈرۈش، تاراتقۇلار ھەمكارلىشىپ كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىش»نى مۇزاكىرە قىلماقتا. ( ياڭ گۈەنيۈ فوتوسى)

  گېزىتىمىز خەينەن، بوئاۋ 26-مارت تېلېگراممىسى. تۆت كۈن داۋاملىشىدىغان 2015- يىللىق بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى «ئاسىيانىڭ كەلگۈسى: تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە قاراپ ئىلگىرىلەش» باش تېما قىلىنغان يىللىق يىغىنى بۈگۈن خەينەن ئۆلكىسىنىڭ بوئاۋدا ئۆتكۈزۈلدى.

  ئىككى كۈنلۈك ئايرىم مۇنبەردىن كېيىن، جۇڭگو دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 28- مارت باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ ھەم مۇھىم سۆز قىلىدۇ. يىللىق يىغىندا ماكرو ئىقتىساد، رايونلار ھەمكارلىقى، كەسپ ئۆزگىرىشى، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، سىياسىي خەۋپسىزلىك، ئىجتىمائىي ئىشلار ۋە خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ 77 مەيدان پائالىيەت تەسىس قىلىنىدۇ، بۇ مۇنبەر، يېپىق يىغىن، يۇمىلاق ئۈستەل سۆھبىتى ۋە تېلېۋىزىيە بەس- مۇنازىرىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يىغىن ئىشتىراكچىلىرىدىن ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدارلار 80 كىشى، 500 كۈچلۈك شىركەتنىڭ 200 مەسئۇلى بار. تۇنجى كۈنىدىكى ئايرىم مۇنبەردە، جۇڭگو پۇل بازىرىنى ئېچىۋىتىش، يېزا پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتى، ئالاقە تورى پۇل مۇئامىلىسى قاتارلىق قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى ئومۇميۈزلۈك مۇزاكىرە قىلىندى. بۇنىڭدىن سىرت، ھەر قايسى تەرەپلەر كۆز تىكىۋاتقان ئاساسىي ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش بانكىسى، ئەركىن سودا رايونى، «بىر بەلباغ، بىر يول» قاتارلىقلار بۇ قېتىملىق يىغىننى مۇھىم تېمىسى قىلىنىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر