باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ شەھىرى 2015-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئارزۇ تولدۇرۇشنى نەتىجە چىققاندىن كېيىن ئارزۇ تولدۇرۇشقا ئۆزگەرتتى

2015.03.27 15:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى، بېيجىڭ، 26-مارت تېلېگراممىسى. بېيجىڭ شەھىرى بۇ يىلدىن باشلاپ ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرسىغا ئارزۇ تولدۇرۇش ۋە ئۆز ئالدىغا ئىمتىھان ئېلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقىتنى ئىلگىرىكى ئىمتىھاندىن بۇرۇن ئارزۇ تولدۇرۇشتىن، ئىمتىھان ئېلىپ نەتىجە چىققاندىن كېيىن ئارزۇ تولدۇرۇشقا ئۆزگەرتتى. تولۇق كۇرسقا ئارزۇ تولدۇرۇش ۋە ئۆز ئالدىغا ئىمتىھان ئېلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا ئارزۇ تولدۇرۇشنىڭ ۋاقتى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىندىن كېيىن 25-ئىيۇن سائەت سەككىزدىن 29-ئىيۇن سائەت 20گىچە بولىدۇ. مەخسۇس كۇرسقا ئارزۇ تولدۇرۇش تولۇق كۇرسقا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقتى 3-ئاۋغۇست سائەت سەككىزدىن 4-ئاۋغۇست سائەت 20گىچە بولىدۇ.

  بېيجىڭ شەھەرلىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان ئېلىش كومىتېتى 26-مارت 2015-يىلدىكى تۇنجى قېتىملىق يىغىن ئاچتى ۋە يىغىندا «بېيجىڭ شەھىرىنىڭ 2015-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» ۋە «بېيجىڭ شەھىرىنىڭ 2015-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمەت پىلانى» قاتارلىق ھۆججەتلەرگە قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر