باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ شەھىرى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس پىلانىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ

2015.03.30 15:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى باھالاش ئۆمىكىنىڭ بېيجىڭدىكى ئىزاھلاش يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمى 28-مارت ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسى بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى گو جىنلوڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى، گو جىنلوڭ سۆزىدە ھەرقايسى باھالاش كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ باھالاش ۋە تەكشۈرۈش جەريانىدىكى چوڭقۇر كەسپى بىلىمى، مول ئەمەلىي تەجرىبىسى ۋە ئىجداھاتلىق خىزمەت قىلىش روھىغا ئاپىرىن ئەيتتى، ئۇلارنىڭ جۇڭگو خەلقىگە بولغان دوستلۇق ھىسسىياتىغا رەھمەت ئېيتتى، گو جىنلوڭ: بىز خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە قىشلىق ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىشنىڭ تۈرلۈك پىلانىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرىمىز دېدى.

  گو جىنلوڭ مۇنۇلارنى قايتا تەكىتلىدى: ئەگەر خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابقىسىنى ئۆتكۈزۈش شەرىپىنى ۋە مەسئۇلىيىتىنى بېيجىڭغا بېرىدىغان بولسا بىز ئىلتىماس قىلىش دوكلاتى ۋە بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە بەرگەن تۈرلۈك ۋەدىلەرگە ئەستايىدىل ئەمەل قىلىپ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، تەنھەركەتچىلەرنى مەركەز قىلغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلغان، تېجەشلىك بىر نۆۋەت قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابقىسى ئۆتكۈزۈشكە ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر