باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چىرىك ئۇنسۇرلارنىڭ قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرىماي ئەركىن يايراپ يۈرۈشىگە يول قويۇلمايدۇ

2015.03.27 15:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چەت ئەلگە قاچقان جىنايەتچىلەرنى قوغلاپ تۇتۇش، ھارام ماللارنى قايتۇرۇۋېلىش بويىچە «ئاسماندا تور» ھەرىكىتى باشلاندى

  گېزىتىمىز بېيجىڭ، 26- مارت تېلېگراممىسى. يېقىندا مەركەز چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى خەلقئارا قاچقۇن جىنايەتچىلەرنى قوغلاپ تۇتۇش، ھارام ماللارنى قايتۇرۇۋېلىش خىزمىتى ئىشخانىسى يىغىن ئېچىپ، 2015- يىللىق چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خەلقئارا قاچقۇن جىنايەتچىلەرنى قوغلاپ تۇتۇش، ھارام ماللارنى قايتۇرۇۋېلىش خىزمىتىنى مۇزاكىرە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، «ئاسماندا تور» ھەرىكىتىنى باشلاشنى قارار قىلدى.

  «ئاسماندا تور» ھەرىكىتى مەركەز چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى ئورۇنلاشتۇرۇپ قانات يايدۇرىدىغان چەت ئەلگە قاچقان چىرىك ئۇنسۇرلارنى تۇتۇشنى مەقسەت قىلغان مۇھىم ھەرىكەت، ئالاقىدار تارماقلار بۇ يىل 4- ئايدىن باشلاپ، ساقچى، تەپتىش، دىپلوماتىيە، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ۋاستىلەردىن ئومۇميۈزلۈك پايدىلىنىپ، ۋاقىت ۋە كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، «بىر تۈركۈم چىرىك ئۇنسۇرلارنى تۇتۇپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ گۇۋاھنامىلەرنى بىر تەرەپ قىلىپ، مەخپىي سەرراپخانىلارغا زەربە بېرىپ، دېلوغا چېتىشلىق مال مۈلۈكنى قايتۇرۇۋېلىپ، چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەنلەرنى نەسىھەت بىلەن قايتۇرۇپ كېلىدۇ».

  ئىگىلىنىشىچە، «ئاسماندا تور» ھەرىكىتى بىر نەچچە مەخسۇس ھەرىكەت گۇرۇپپىسىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، مەركىزى كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، ج خ مىنىستىرلىقى، خەلق بانكىسى قاتارلىق ئورۇنلار باشلامچىلىق بىلەن قانات يايدۇرىدۇ. ج خ مىنىستىرلىقى باشلامچىلىق بىلەن «تۈلكە تۇتۇش» مەخسۇس ھەرىكىتىنى باشلاپ، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەت ئۆتكۈزۈپ چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن جىنايەت گۇماندارلىرى ۋە چىرىكلىشىش دېلوسىغا چېتىشلىق مۇھىم كىشىلەرنى نۇقتىلىق قولغا ئالىدۇ. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى باشلامچى بولۇپ ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەت ئۆتكۈزۈپ چەت ئەلگە قاچقانلارنى قوغلاپ تۇتۇش، ھارام ماللارنى قايتۇرۇۋېلىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەت ئۆتكۈزۈپ چەت ئەلگە قاچقان جىنايەت گۇماندارلىرىنى نۇقتىلىق تۇتىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر