باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەقلىي ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كەسپىي خادىملىرىنى تەربىيەلەش ئورنى قۇرۇلدى

2015.03.27 13:52         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق ئەقلىي ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كەسپىي خادىملىرىنى نۇقتىلىق تەربىيەلەش ئورنى يېقىندا ئۈرۈمچى شەھەرلىك «مېھىر - مۇھەببەت باغچىسى» ئالاھىدە مائارىپ مەركىزىدە قۇرۇلدى.

  ئۇقۇشىمچە، 2009 - يىلىدىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەقلىي ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان بالىلارنى تەربىيەلەش ئورنىدىن 26سى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ھازىرغىچە بۇ ئورۇنلاردا يەتتە ياشتىن تۆۋەن ئەقلىي ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان 2109 بالىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. 2015 - يىلى دۆلەت ئەقلىي ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قۇتقۇزۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزغا يەنە ئەقلىي ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان 800 بالىنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋەزىپىسىنى چۈشۈرگەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ تەربىيەلەش ئورنىنى قۇرۇشتا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 26 تەربىيەلەش ئورنىدىكى تېخنىك خادىملارنىڭ كەسپىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، بۇ ساھەدە تېخىمۇ كۆپ ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيەلەش، بۇ ئارقىلىق ئەقلىي ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش مەقسەت قىلىنغانىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر