باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭدا يېڭىدىن سەككىز ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىشنى پىلانلىدى

2015.03.27 13:53         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  29-مارت خەلق ئاۋىياتسىيەسى ياز ۋە كۈز پەسىللىك ئاۋىياتسىيە پەسلىگە كىرىدۇ. جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭدا ئۈرۈمچىدىن چاڭشا، داليەن، گۈيلىن قاتارلىق جايلارغا بارىدىغان سەككىز ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى يېڭىدىن ئېچىشنى، شۇنداقلا ئۈرۈمچىدىن سېئۇل، موسكۋا، نوۋوسىبىرسكى، باكۇ قاتارلىق جايلارغا قاتنايدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى پىلانلىدى.

  ساياھەت قىزىق نۇقتىلىرىغا قارىتا جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ئۈرۈمچىدىن چاڭشا، داليەن، گۈيلىن قاتارلىق جايلارغا ۋە كورلىدىن شىئەن، ۋۇخەن قاتارلىق جايلارغا بارىدىغان لىنىيەلەرنى يېڭىدىن ئېچىپ، غۇلجىدىن بېيجىڭ، شىئەنگە بارىدىغان لىنىيەلەرنى ئەلالاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا كىرىپ- چىقىدىغان يولۇچىلارنى تېخىمۇ كۆپ تاللاش بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

  سودا ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئۈچۈن شىنجاڭغا كېلىدىغان يولۇچىلارغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ئاقسۇ-ئۈرۈمچى-جېڭجۇ، قومۇل-لەنجۇ-جېڭجۇ لىنىيەسىنى يېڭىدىن ئېچىپ، ئاقسۇدىن خاڭجۇغا بارىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلاننى شۇ كۈنى بېرىپ كېلىشكە ئۆزگەرتىدىكەن ھەمدە ئۈرۈمچىدىن سېئۇل، موسكۋا، نوۋوسىبىرسكى، باكۇ قاتارلىق جايلارغا بارىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىكەن، چۇڭچىڭ، نەننىڭ، چىڭداۋ، تېھران، تاشكەنت قاتارلىق جايلارغا نۆۋەتچى ئايروپىلان قوشۇپ زىچلاشتۇرۇپ، ئىچكىرى ئۆلكە-شەھەرلەر بىلەن نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان جايلار ئوتتۇرىسىدىكى كۆۋرۈكلۈك رولىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇپلا قالماي، يەنە دۆلەت ئىچى–سىرتىدىكى يولۇچىلارنىڭ ئۈرۈمچىدىن ئىبارەت بۇ تۈگۈن ئارقىلىق مەنزىلىگە يېتىشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، قائىدە بويىچە خەلق ئاۋىياتسىيەسى ھەر يىلى ئىككى قېتىم نۆۋەتچى ئايروپىلان پىلانىنى تەڭشەيدىكەن، 2015-يىلى ياز ۋە كۈز پەسىللىك ۋاقتى 29-مارتتىن 31-ئۆكتەبىرگىچە بېكىتىلگەن. بۇ يىلقى ئەتىيازلىق توشۇش بىرقەدەر كېيىن ئاخىرلاشقانلىقتىن، شىنجاڭ خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ يولۇچىلار ئېقىمى ئىزچىل كۆپ بولغان. جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى شىنجاڭغا كىرىپ-چىقىدىغان يولۇچىلارنىڭ ياز ۋە كۈز پەسىللىك سەپەر ئېھتىياجىغا ئاساسەن، نۆۋەتچى ئايروپىلان لىنىيەسىنى يېڭىدىن كۆپەيتىش، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ۋاقتىنى تەڭشەش قاتارلىق جەھەتلەردە تەپسىلىي ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بارغان.

  جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىدىكى خىزمەتچى خادىم مۇنداق ئەسكەرتتى: پەسىل ئالماشقاندىن كېيىن، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭدىكى قىسمەن نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ۋاقتىنى تەڭشەيدۇ. مۇساپىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن، يولۇچىلار يولغا چىقىشتىن بۇرۇن نۆۋەتچى ئايروپىلانغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ياخشى سېلىشتۇرۇشى كېرەك. ئاپرېلدىن باشلاپ، ھەر قايسى مەنزىرە رايونلىرى ساياھەتچى قوبۇل قىلىشنى باشلايدۇ، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى قىسمەن لىنىيەلىرىنىڭ ئايروپىلان بېلىتىمۇ ئېتىبار باھادا سېتىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر